خاربىن شەھىرى داۋۋەي رايونىدىكى قەدىمىي تۆمۈر بازىرى ئالدىدا 22-دېكابىر سائەت 4:50 دە بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىلەن ماي باكى قاچىلانغان يۈك پويىزى سوقۇشۇپ كېتىپ، پويىزنىڭ بىر ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن. نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەمدىلا بېكەتتىن چىققان 14-يول ئاپتوبۇسى شيەنفىڭ يولىدىكى قەدىمىي تۆمۈر بازىرى ئالدىدىكى يول بۆلەكتە ماي باكى قاچىلىغان بىر پويىز بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن. ۋەقەدە ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىدىكى شامال توسقۇچى ئەينەك ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، ئاپتوبۇس شوپۇرى يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا بىر پويىزنىڭ ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، سوقۇلغان يۈك پويىزىدىكى ماي باكى قۇرۇق ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved