ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىسى كۈندىلىك ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەر بەكلا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېنگلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گىرىگ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ سانىنى 18 كوماندىغا قالدۇرۇشنى پىلانلىغان.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن باشقا، ئۇيۇشما لوڭقىسى، رايون قالقان لوڭقىسى، ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى دېگەندەك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئەھۋال ئېنگلاند كۇلۇبلىرىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭمۇ ئىپادىسىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھازىر ئېنگلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گىرىگ بۇ مەسىلىنى ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئېنگلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ CEO سى رىچارد بىلەن كوماندىلارنى ھازىرقى 20 كوماندىن 18 كوماندىغا قالدۇرۇش توغرۇلۇق بىر قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر كوماندا بىر پەسىلدە تۆت مەيداندىن مۇسابىقىنى ئاز ئوينايدۇ، شۇنداقلا بېسىمىمۇ ئازلايدۇ.
لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئىككى تۈرلۈك مەسلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بىرىنچىسى بولسا ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ھوقۇقىنى 2019-يىلغىچە سېتىپ بولغان، شۇڭلاشقا ئېنگلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆز ئالدىغا كوماندىنى ئازايتالمايدۇ. ئىككىنچىسى بولسا كوماندىلار ئازلاپ كەتسە ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى بىلەن ئا بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنىڭ دەرىجە چۈشۈش ۋە ئۆرلەش ئىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى كوماندىلارنى بىرىنچى قېتىم ئازايتقان ۋاقىت بولسا 1995-يىلى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەسلىدىكى 22 كوماندىنى 20 كوماندىغا ئازايتقان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved