يەر شارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەكتۇپ يېزىپ شۇ كۈنى ئىسرائىلىيىلىك نۇرغۇن كۈرەشچى ئايروپىلان ئاجرىتىپ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىككى نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى .ئەيىبلىدى .سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەۋەتكەن مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلدى :‹سۈرىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى دەمەشىق ئايروپوتىغا يېقىن جايدىكى باھار ۋە دەمەشىق يېزىسىدىكى بىر بازارنى بومباردىمان قىلىدى .بىر قىسىم ئىمارەتلەر ۋەيران بولدى ئەمما ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى ›.
سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى :‹ئىسرائىلىينىڭ بۇ بومباردىمان قىلىش قىلمىشى سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق،سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيىنى جازالىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى بويىچە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ئىسرائىلىينىڭ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved