جۇڭگو ئاخبارات تورى، 17-ئىيۇل خەۋىرى: كورېيە ساقلىقنى ساقلاش تارماقلىرىنىڭ 14-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەدە ئۇدا توققۇز كۈن ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(مېرس) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان.
نۆۋەتتە، مېرس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 186 ئادەمدىن ئۆزگەرمىگەن، يەنە بىر ئادەم ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 131 گە يەتكەن؛ ئۇدا ئۈچ كۈن قازا قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەي، قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 36دىن، قازا قىلىش نىسبىتى %19.4دىن ئۆزگەرمىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، مېرس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە 19 بىمار داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتىنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىق ئەمەس ئىكەن. مېرس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 410 بولۇپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 41 ئادەم ئازايغان. شۇ كۈنى 47 ئادەمگە ئېلىپ بېرىلغان ئايرىپ كۆزىتىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇنىڭ بىلەن ئايرىپ كۆزىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئادەىملەرنىڭ سانى 16 مىڭ 278 ئادەمگە يەتكەن.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved