«ئىران ھازىر ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىغان ھالەتتە چۆللىشىپ كەتمەكتە. بۇنى كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىش دەپ قالماڭ، ھازىر ئۇ ئاللىبۇرۇن يۈز بېرىپ بولدى.» ئىراننىڭ سابىق يېزا ئىگىلىك مىنسىتىرى Isa Kalantari شۇنداق دېدى.
ئىرانلىق فوتوگراف Mahdi Barchain نىڭ «قۇرۇپ كەتكەن ئۈمىدنى باغاشلاپ تۇرمۇش كەچۈرۈش» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسىرىدە Hamoon كۆلى بويىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھايات قالغۇچىنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىران يۈزلىنىۋاتقان سۇ كىرىزىسىنى بىۋاستە ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ كىشىلەر بېلىقچىلار، توقۇمىچىلار ۋە نەچچە يىللاردىن بۇيان ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ دېھقانچىلىق قىلىپ كەلگەن، باشقا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بىلمەيدىغان دېھقانلار. ھازىر، ئۇلار بىر ئاچچىق رېئاللىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ: ئىراننىڭ شەرقىدىكى ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن Hamoon كۆلى بۇ دۆلەتتىكى باشقا كۆللەرگە ئوخشاش تېز سۈرئەتتە يوقالماقتا. ئەمەلىيەتتە، بۇ كۆل ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ كەتتى. بۇنى تۈرلۈك ئادەم ۋە مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەمما ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى سۇ مەنبەسىنى باشقۇرىدىغان ناچار تۈزۈلمە ۋە ئافغانىستاننىڭ بۇ كۆلگە قۇيۇلىدىغان دەريا ئېقىنىنى توسۇپ قويغانلىقىدىن ئىبارەت.
كېيىنكى ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، Barchain تاشلاندۇق Semi كەنتىگە كېلىپ، 120 كۈنلۈك بوران-چاپقۇنغا تەۋەككۇل قىلىپ، ئۇ زىيارەت قىلغان جايلاردا كەنت ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزى بايقىغان ئىشلارنى سۈرەتكە تارتتى. ئۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەپيۇنغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە تاشلاندۇق بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە ئۆيلەر بارلىقىنى، كەنت ئاممىسىنىڭ نامراتلىشىپ ئاياغ ۋە كېچىدە ئىشلىتىدىغان يۇڭ ئەدىيالمۇ ئالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى. كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قېلىپ قالغان ئۈمىد :«ئۇلار پەقەت سۇ ئېقىمىنىڭ كۆلگە قايتا كېلىشىنى تىلەيدۇ.»
ھايات قالغۇچىغا نىسبەتەن، كەلگۈسى قاراڭغۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچلىرىنىڭ كىملىكى يوق، چۈنكى ئۇلار ئىران بىلەن ئافغانىستان ئارىلىقىدىكى چېگرا رايوندا ياشايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى سەۋەبلىك ئىراننىڭ باشقا شەھەر-بازارلىرىغا ئورۇنلىشالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. Barchain تولۇقلاپ مۇنداق دېدى:«ئىراندا ياشايدىغان 600 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ كىملىكى يوق.»
ئىلگىرى ئىراندىكى ئۈچىنچى چوڭ (3820 كۋادىرات كىلومېتىر) سانىلىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنى مول بايلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ كۆل بۈگۈنكى كۈندە بىر ئالۋاستى شەھىرىگە ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى Hamoon كۆلىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشتىن ئۈمىد قالمىدى، شۇڭا Barchain نىڭ ماتەم مارشى شەكلىدىكى رەسىملىرى بىزگە تەۋرىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بىر مەنزىرە ۋە كىشىلەر توپىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى؛ كىشىلەر ياشاش بايلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا، چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى يوق. ئۇنىڭ يۈرۈشلۈك رەسىملىرى يەنە ئىران چېگىرىسىدىن ھالقىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا كېڭىيىۋاتقان قۇرغاقچىلىق مەسىلىسىنى ئەكىس ئەتتۈردى. ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بۇ رەسىملەر ئارقىلىق، بىز ئۆزىمىزنى بۈگۈن تۇرۇۋاتقان ئېغىر ئەھۋالدىكى ئورنىمىزغا يۈزلىنىشكە ئۈندەيمىز.
Siasar كەنتىدە كىشىلەر ھاجەتخانىغا بېرىش ئۈچۈن 500 مېتىر يىراقلىقتىكى كەنت سىرتىغا بارىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىنسانلار قويۇپ بەرگەن ھاسىلاتلارنىڭ قۇرتلارنى پەيدا قىلىپ، كەنتنىڭ خاراب بولۇشىدىن ساقلىنىدۇ.
بەزىدە كالا سۈتى كەمچىل بولغاچقا، كىشىلەر ئاۋۋال سۈتنى ھايۋانلارغا بېرىپ، ئاشقىنى ئۆزى ئىچىدۇ.
Hamoon كۆلى ئىران دېڭىز ساھىلىدىكى قۇرغاقلىشىپ كەتكەن كۆل، ئەتراپىدا 400 مىڭ ئادەم ياشايدۇ. ياز كۈنلىرى بۇ يەرنىڭ تېمپىراتۇرىسى 50 سىلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ كۆل ئىلگىرى ناھايىتى چوڭ كۆل بولۇپ، ھىلماند دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقىغا تايىناتتى.
بۇ كۆل ھازىر قۇرۇپ كەتتى، چۈنكى ئىران ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ھېرمان دەرياسى مەسىلىسىدە ئىزچىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇش مەۋجۇت.
كۆل قۇرۇپ كەتكەچكە، بېلىقچىلارنىڭ كېمىسى سۇ ساقلاشقا ئىشلىتىدىغان ئۇلاغقا ئايلاندى.
كۆپلىگەن ئائىلىلەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەشتىن ئارتۇق بالا بار. ھازىر بۇ كۆل قۇرۇپ كەتتى، كىشىلەر نامراتلىشىپ كەتتى، بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتالمايدۇ. بالىلار ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن يۇرتنى تاشلاپ، باشقا شەھەرگە بېرىپ خىزمەت ئىزدەشتەك تەقدىرگە يۈزلىنىدۇ، ئەمما ئۇ يەر ئۇلارنى قارشى ئالمايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۈمىدسىزلىنىپ، ئەپيۇن قاتارلىق زەھەرلەرنى چەكتى. ئافغانىستان چېگرىسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار بۇ نەرسە بىلەن ناھايىتى ئاسانلا ئۇچرىشىدۇ. زەھەرگە خۇمار بولغانلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنى يوشۇرمايدىغان بولغاچقا، بەزى كىشىلەر بالىلارنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، زەھەر چېكىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
قۇم-بوران تۈرلۈك كۆز كېسەللىكىنى پەيدا قىلدى، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر نامرات بولغاچقا دوختۇرخانىغا كۆرۈنەلمەي، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاددىي بولغان ئۇسۇلدا ئۆزىنى داۋالىدى.
Siasar كەنتىدە ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان بىر مەسىلە بولسا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشالماسلىق، چۈنكى بۇ يەردىكى ئالاقە تورى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۇلانمايدىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.
«مەن Moladadi كەنتىدىكى پادىچى. دېقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، شۇڭا ھەرقېتىم بوران چىققان ۋاقىتتا قۇم-بوران بېسىپ كېلىدۇ.»
ئاياللار 4 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا بېرىپ تاماق ئېتىشكە ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تېرىپ كېلىشى كېرەك. ئوتۇنلار بۇ قاغجىراپ كەتكەن جايدا بارغانسېرى ئازلاپ كەتمەكتە.
بۇ كۆلنىڭ ئەتراپىدا يەنىلا بىر قىسىم كۆچمەن چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان، مەسىلەن: Baluchistan ئىسىملىك ئەر. ئۇلار ئىلگىرى ناھايىتى باي ئىدى، چۈنكى زور تۈركۈمدە قوي باقمىچىلىقى قىلاتتى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ھايۋانلارنى باقىدىغان ھېچقانداق ئوت-چۆپلەرنى تاپالمىدى.
مۇھەممەد بۇ يىل 6 ياشتا. ئۇ Siasar كەنتىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، نۆۋەتتە ئوقۇشقا ئامالسىز قالدى، چۈنكى ئۇ تۇرغان جاي بالىلار باغچىسىغا بەكلا يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئۇنىڭ كۆلنى بويلاپ ئوت-چۆپ ئىزدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved