19-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، خالات كىيگەن نەچچە يۈزلىگەن دوختۇر-سېسترالار <<ئادەم يارىلاندۇرۇش قانۇنغا خىلاپ، نەزەربەنت قىلىش قانۇنغا خىلاپ>> دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى يۇڭچىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپىدا نامايىش قىلدى. نەق مەيداندىكى كىشىلەر تورغا يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، نامايىشچىلار <<غورۇرىمىزنى قوغداپ، قاتىلنى جازالايلى!>> دەپ توۋلىغان ھەمدە ئەتراپتىكى نۇرغۇن ساقچى تەرتىپ ساقلىغان.
ۋەقە يۈر بەرگەن دوختۇرخانىدىكى بىر دوختۇرنىڭ دوستىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە <<يامان سۈپەتلىك جاراھەتنى داۋالىغان دوختۇر ۋەقەسى>> بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىككەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 18-دېكابىر، بىر نەپەر يۈرەك كېسىلى بىمارى يۇڭچىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان. داۋالىنىش جەريانىدا، ئۈچ نەپەر دوختۇر بىمارغا دوختۇرخانا ئالمىشىش تەكلىپىنى بەرگەن، بىراق بىمار ئالمىشىشنى رەت قىلغان، كېيىن دوختۇرلار بىمارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئوپېراتسىيەگە قىلدۇرۇشقا ئىمزا قويغۇزماقچى بولغاندا، ئۇلارنى رەت قىلغان، كېيىن بىمار ئۆلۈپ كەتكەن.
18-دېكابىر كەچتە، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنى توسۇۋالغان، ئۆلگۈچىنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۈچ نەپەر دوختۇرنى <<ئىشخانىغا سولاپ ئۇرغان، نەزەبەنت قىلغان، يەنە دوختۇرلاردىن ئۆلگۈچىگە تىزلىنىشنى تەلەپ قىلغان>> ھەمدە <<بىر نەپەر دوختۇرنى باغلاپ يارىلاندۇرغان.>> 19-دېكابىر سەھەر سائەت 4:00 لەردە، دوختۇرخانىنىڭ نۆۋەتچىسى بارلىق خادىملارنى دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە باشقا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خالات كىيگەنلەرنى كۆرسىلا ئۇرۇۋەرگەن.
ئارقىدىن، بەزىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ئەمما ساقچىلار <<يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالمىدۇق>> دېگەن سەۋەب بىلەن، دوختۇرلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانمىغان. كېيىن دوختۇرلار قاپسىلىپ قالغان ئۈچ نەپەر دوختۇرنى قۇتقۇزۇپ چىققان. 19-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:40 لاردا، دوختۇرخانىنىڭ ھەربىر بۆلۈمىدە پەقەت بىردىن دوختۇر ۋە بىردىن سېسترا قېلىپ، قالغانلىرىنى ھەممىسى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بارغاندىن كېيىن، بىر نەپەر ناھىيە رەھبىرى دوختۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئىشنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، تۇنجى قېتىم چىراغ ياندۇرغان شاڭخەي دىسنېي باغچىسى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلدى.
|
![]() |
2016-يىللىق ئامېرىكا ئاۋدوباڭ ئۇچار قۇش فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى، ئاق باش دېڭىز بۈركۈتى ناملىق ئەسەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved