تۈركىيە زۇڭلىسى، بىز ئەينى ۋاقىتتا ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلغان ئايروپىلاننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن
«ئوربىتا تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەلىرى»نىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە زۇڭلىسى ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ سېربىيە زۇڭلىسى ئالېكساندىر ئۇسىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىز ئەينى ۋاقىتتا ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە بۆسۈپ كىرگەن ئايروپىلاننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن، دېدى.
داۋۇت ئوغلۇ:«ئايروپىلان تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۈچ قېتىم تاجاۋۇز قىلدى، بىراق بىز ئايروپىلاننىڭ زادى قايسى دۆلەتنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق»دېدى.
بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە داۋۇت ئوغلۇ بىر كۇرد سىياسىيونىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ سوۋېت- 24 ناملىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىگە بەرگەن باھاسىنى تۈركىيەگە «ئاسىيلىق»قىلغانلىق دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved