تېسلانىڭ جۇڭگودا تېز ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىنىڭ بەش چوڭ سەۋەبى

Business Insider خەنزۇچە تورى 11-فېۋرال خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى

بۈگۈن تېسلانىڭ پېيى داۋاملىق قاتتىق تۆۋەنلىدى، بۈگۈنكى چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا ئەيلون ماسكنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تېسلانىڭ جۇڭگودىكى تۆتىنچى پەسىللىك سېتىلىش مىقدارىدا «ھەيران قالارلىق چۈشكەن» لىكىنى ئېتىراپ قىلىشى بولدى.

تېسلا ئاخبارات بۆلۈمى مەسئۇلى رىكاردو رېيېسنىڭ Business Insider مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، «ModelS تىپلىق توك قاچىلىغۇچنىڭ تېز، قولايلىق توك قاچىلاش ئىدىيىسىگە بولغان خاتا تونۇش تېسلانىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىش مىقدارىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى» ئىكەن. «بۇ خىل خاتا قاراشنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىز داۋاملىق ModelS توك قاچىلىغۇچلىرىمىزنىڭ قولايلىق ۋە تېز توك قاچىلاش ئىدىيىسىنى داۋاملىق چۈشەندۈرىمىز ۋە پۈتۈن جۇڭگونى قاپلىغان توك قاچىلىغۇچ تورىنى قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى رېيېس.

توك قاچىلىغۇچلارنىڭ سانى ھەقىقەتەنمۇ  ئاشماقتا. Quartz نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەملىكەت مىقياسىدا توك قاچىلىغۇچتىن 19 مىڭ دانە ئورناتقان بولۇپ، تېسلا جۇڭگونىڭ 10 شەھرىدە 23 دانە دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش ئىستانىسىسى قۇردى.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ماسك جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە يەر-مۈلۈك سودىگىرى SOHO بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگونىڭ 70 شەھرىدە 700 دانە دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش ئىستانىسىسى قۇرۇپ چىقماقچى. نۆۋەتتى تېسلانىڭ جۇڭگودىكى توك قاچىلاش ئىستانىسىسى قۇرۇلۇشى پەقەت ئامېرىكىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ.

Business Insider ۋە جۇڭگو ماشىنا ساھەسىدىكى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تېسلا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن، تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك توسالغۇنى يېڭىشى كېرەك:

 1. بىرىنچى تۈركۈم ئىشلەتكۈچىلەر مەھسۇلاتنى پۈتۈنلەي سېتىۋېلىپ تۈگەتكەن.

2. بىرىنچى تۈركۈم ئىشلەتكۈچىلەر توپى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ ئۇلارنىڭ كوچىلاردا تېسلا ھەيدەپ يۈرۈشى چوڭ مودا دولقۇنى قوزغىيالمىغان.

3. ماشىنا بازىرىدا ئوتتۇرىدىكى ۋاستىچىلار باھانى قالايمىقان قىلىۋەتكەن.

4. كىشىلەرنىڭ توك قاچىلىغۇچلۇق ماشىنىغا بولغان تونۇشى تېخى ناھايىتى تېيىز.

5. تېسلانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدە كۆزنى چاقناتقۇدەك ئالاھىدىلىكلەر يوق. 

ئاخىرقى نۇقتا ناھايىتى روشەن. تېسلانىڭ ئېگىزلىكى پەقەت 1.44 مېتىر، باشقا مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن كىچىك. ماشىنا ئانالىزچىسى سىيېبېرتنىڭ دېيىشىچە، «جۇڭگودا بايلار ماشىنىنى ئابروي ئۈچۈن تاللايدۇ، ئىستاتىستىكىلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ئۇلار تېخىمۇ ئېگىزرەك، كەڭرەك ماشىنىلارنى ياقتۇرىدۇ. تېسلا پاكارراق، كۆز چاقنىتىش دەرىجىسى تۆۋەن. تېسلا جۇڭگودا بازار ئىگىلەيمەن دەيدىكەن، بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشى ۋە جۇڭگو بايلىرىنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدىغان قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىشى كېرەك.»



ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-03-2016
لېيجۈن :مەن ھەركۈنى 3مىنۇتتا چۈشلۈك تاماق يەيمەن مېنىڭ ئاجىزلىقىم مەن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن .باشقىلارنى خا پا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن . مەن بەك يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىمەن ، شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇندا بەك ھارىمەن . لېي ج...
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
Powered by Leglek