21-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھىرى ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلات رايونىنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە دائىرىدىن ھالقىپ ھەق ئېلىش قىلمىشىدا بولغان بىر ئورۇندىكى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت ئورۇندىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى تەرتىپكە سالدى.
21-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا ئىدارىسى) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا تارماق ئەترىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىرلىكتە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، تۇنجى كۈنى جەنۇبىي ئازادلىق يولى، چاڭجياڭ يولى، دوستلۇق سودا چەمبىرىكى، شياۋشىمېن سودا چەمبىرىكى قاتارلىق رايونلاردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى تەكشۈرۈلدى
.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەڭرىتاغ رايونى ئۈرۈمچى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى ئالتۇنبۇلاق سودا سارىيى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، تەڭرىتاغ رايونى ئوتتۇرا كۆۋرۈك 3-كوچا يىجيا زەنجىرسىمان مېھمانسارىيى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، سايباغ رايونى دوستلۇق سودا سارىيى جەنۇبىي كوچىسى دوستلۇق ياتىقى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق تۆت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە دائىرىدىن ھالقىپ ھەق يىغىش، توختىتىلغان ئاپتوموبىللار ئەمالار يولىنى توسۇۋېلىش، رەسمىيەتسىز ھەق يىغىش، باشقۇرغۇچىلار خىزمەت كېنىشكىسىنى ئاسمىغانلىق قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىش ساقلانغانلىقتىن، تۈزىتىلىشكە بۇيرۇلدى؛ سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى شەرق گۈللۈكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلات رايونىنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە دائىرىدىن ھالقىپ ھەق ئېلىش قىلمىشىدا بولغانلىقتىن، ئۈچ كۈن تىجارەت توختىتىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved