بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىشكە تەقەززا بولۇۋاتقىنىغا ئوخشاش، شىنجاڭ كوماندىسىمۇ تېخىمۇ يىراق مەنزىلگە يېتىشنى ئويلايدۇ. مېھمان مەيدانداىكى نۇقتىلىق بىر مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن شىرئەلىجان ناھايىتى ھاياجانلاندى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىش سىگنالى ياڭرىغان شۇ دەقىقىدە شىرئەلىجان «كۈنلۈك ئېچىش» قول ئىپادىسىنى چىقاردى. بۇ خىل قول ئىپادىسى ياۋروپا ئەللىرىدە ناچار مەنىدىن دېرەك بىرىدىغان بولغاچقا توپ مەستانىلىرىنىڭ تالاش تارتىش قىلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
بىراق ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋاسكىتبول جەمئىيىتى شىرئەلىجانغا مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بەرمەيدىكەن. پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدىكەن.
جۇڭگۇ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قول ئىپادىسى چىقارسا مۇناسىۋەتلىك جازاغا ئۇچرايدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ ئالتىنچى مەيدان مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ھەرخىل ئالامەتلەر شۇنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇكى، ۋاسكىتبول جەمئىيىتى بۇ ئىش ئۈچۈن شىرئەلىجاننى جازالاشنى ئويلاشمىغان.
《يېقىندىن بۇيان كۆرۈۋاتقان 《دېڭىز ئوغرىسى پادىشاھى》 ناملىق فىلىمدە مۇشۇنداق ھەرىكەت بار ئىكەن، شۇ چاغدا بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە ئېسىمگە كېلىپ شۇ قول ئىپادىسىنى چىقارغانىدىم.»دېدى شىرئەلىجان چۈشەندۈرۈپ.
شىنخۇا تورى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved