مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى 1-مايدىن 31-مايغىچە، قاناس مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلغۇچىلارغا ئىشىكنى ئېچىۋىتىپ، قاناس مەنزىرە رايونىنى توسالغۇسىز ساياھەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن قاناس مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش شېرىن چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىكەن.
ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، قاناس مەنزىرە رايونى ئىزچىل تۈردە ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت رايونىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىش تەدبىرىنى قوللانغان، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدە شەخسىي ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىنى شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىش ئارزۇسىدا بولغان. قاناس مەنزىرە رايونى ھەر يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، ماي ئېيى قاناس مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكىنىڭ كاساتچىلىق پەسلى بولغاچقا، بۇ يىل، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەڭشىشى بىلەن، قاناس مەنزىرە رايونىدا شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن توسالغۇسىز ساياھەت قىلىش يولغا قويۇلغان. ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىنى شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلماقچى بولسا، بۇرچىن ناھىيەسىدىن كىرىپ قابا ناھىيەسىدىن قايتىدىغان ياكى قابا ناھىيەسىدىن كىرىپ بۇرچىن ناھىيەسىدىن قايتىدىغان ئايلانما لىنىيەنى تاللىسا بولىدىكەن.
ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شى فاچياڭ شەخسىي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ قاناس مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن مەنزىرە رايونىنىڭ ھەر خىل بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرۈشى ۋە ئاپتوموبىل توختىشىشى، قالايمىغان ئاپتوموبىل توختاتماسلىقى، ئورمان رايونىدا ئوت يېقىپ تاماق ئەتمەسلىكى، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىقى، ياۋا گۈللەرنى ئۈزمەسلىكى ۋە ئوت-چۆپلۈككە دەسسەپ نابۇت قىلماسلىقىنى ئەسكەرتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved