يىلىغا 1مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىدىغان بالا


چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىدىكى بىر سەككىز ياشلىق ئوغۇل بالا ئېكران ئالدىدا ھەرخىل ئويۇنچۇقلارنى ئويناپ ، باھا بېرىش ئارقىلىق ، بىمالال ھالدا يىلىغا 1 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپاۋەت قىلىدىكەن .


ئېۋان ئىسىملىك بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ۋىدېئو تورى YouTube دا ئۆزىنىڭ مەخسۇس قانىلى بار بولۇپ ، ئېۋان بۇ قانالدا ھەر خىل ئويۇنچۇقلار ۋە ئويۇنلارغا باھا بېرىدىكەن . دەسلىپىدە بۇ پەقەت ئېۋان بىلەن دادىسىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئوينالغان كىچىك ئويۇنى بولۇپ ، ئۇلار ئۇيۇن ‹‹ غەزەپلەنگەن قۇچقاچ ›› تىكى پېرسوناژلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان لاي مودېلىدىن پايدىلىنىپ كارتون فىلىمى ئىشلەپ ، ۋىدېئو تورى YouTube غا چىقارغان ، كېيىنچە بۇ كارتون فىلىم تەخمىنەن بىر ئايدا بىر سان چىقىرىلغان ، ئوماق ئېۋان شۇ سەۋەبتىن كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن . ۋىدېئونىڭ چىكىلىش نىسبىتىمۇ تېز سۈرەتتە ئاشقان .


چىكىلىش نىسبىتى بىر مىليونغا يەتكەندە ، ئېۋاننىڭ دادىسى جېرىد بۇنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇلغان زور تىجارەت پۇرسىتىنى ھېس قىلىپ ، تېزدىن بۇ قانالنى سودا ئەندېزسى بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئېۋاننىڭ يىللىق كىرىمى 1مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 7 مىليون 900 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) غا يەتكەن . ئېۋانىڭ سىڭلىسىنىڭ بۇ قانالغا ئەزا بولۇپ قوشۇلۇشى قانالنىڭ مەستانىلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن . ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ، بۇ قانالنىڭ مەخسۇس سېتىش قوشۇنى بار بولۇپ ، قانالدىكى ئېلان ۋە ماركىلارنىڭ سېتىلىشىغا ، سودىگەرلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەسئۇل ئىكەن . جېرىدنىڭ ئېيتىشىچە ، كۆپۈنچە كىرىم ئاساسەن ۋىدېئو ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئېلاندىن كېلىدىكەن . كىرىمنىڭ ھەممىسى ئېۋان ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئامانەت ھېساباتىغا قويۇلىدىكەن .



خەتكۈچلەر:
28-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek