شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ئامېرىكىلىق بۇرۇن ئىراق جەڭ مەيدانىدا ئەسكەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەپ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن كونا ئەسكەر سىتون 15 – چىسلا سەھەردە پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە ئارقا ئارقىدىن ئۈچ ئائىلىگە بۆسۈپ كىرىپ سابىق رەپىقىسىنى قوشۇپ ئالتە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتتى .
فىلادېلفىيە شەھىرى مالى ناھىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارى مۇنداق دېدى : سىتون بىر يېرىم سائەت ئىچىدە ئۈچ يەرنىڭ نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئاھالىسى رايونىدا دېلو سادىر قىلدى . ئالدى كەينى بولۇپ بۇرۇنقى ئايالى نىكىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ قاتىللىق قىلغان . ساقچى تەرەپ سىتوننىڭ تۇرالغۇسىنى قورشاپ بولدى . ئۇنىڭ تېلېفونى ۋە ماشىنىسى تاپتى لېكىن ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلالمىدى .
سىتون بۇ يىل 35 ياش ، 2002 – يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلىق قىسىمىغا قاتناشقان .بۇرۇن ئىراق بېرىپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن . 2011 – يىلى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن . شۇ يەردكى تارتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە سىتون كېسەلدىن كىيىنكى ھاياجانلىنىش ئاسارىتى بار ئىكەن .لېكىن ھەربىي تەرەپنىڭ خاتىرسىدە ئۇ ئىراق جېڭىدە يارىلانغانلىق خاتىرىسى يوق ئىكەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved