بىر ئىستاكاننى زادى قانچە پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ؟

«بىر ئىستاكاننى زادى قانچە پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ؟ » بۇ مىسال نۇرغۇن كارخانا خوجايىنلىرىنى قايىل قىلىپ، پىلاننىڭ مەھسۇلات قىممىتىگە بولغان يېڭى ئەھمىيىتىنى تولۇق ئىسپاتلىغان. ئوخشىمىغان قىممەت بىلەن يېڭى سىتىراتىگىيە ياراتقاندا، ئوخشىمىغان سېتىش نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 


بىرىنچى خىل سېتىش ئۇسۇلى: مەھسۇلاتنىڭ ئەسلىدىكى ئشلىتىش قىممىتى بويىچە سېتىش، پەقەت ھەر بىرىنى ئۈچ يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ.


ئەگەر سىز ئۇنى بىر ئادەتتىكى ئىستاكان دەپ قاراپ، ئادەتتىكى ماگزىنغا قويۇپ، ئادەتتىكى سېتىش ئۇسۇلى بىلەن ساتسىڭىز، بەلكىم كۆپ بولغاندا پەقەت ئۈچ يۈەنگە سېتىش مۇمكىن، يەنە تېخى قوشنا دۇكاندىكى خوجايىن باھانى چۈشۈرۈپ سىز بىلەن خېرىدار تالىشىشى مۇمكىن، مانا بۇ قىممەتتە يېڭىلىق ياراتمىغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتتۇر.

 

 

ئىككىنچى خىل سېتىش ئۇسۇلى: مەھسۇلاتنىڭ مەدەنىي قىممىتىنى سېتىش، بەش يۈەنگە سېتىشقا بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ يىلقى ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئۇسۇلدا لايىھىلىسىڭىز، بەش يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ. خوشنا دۇكاندىكىلەر باھانى چۈشۈرسىمۇ ئاقمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ئىستاكانىڭىزدا مەدەنىيەت بار ، ئىستىمالچىلار بۇ مەدەنىيەتكە ئارتۇق پۇل تۆلەشنى خالايدۇ، مانا بۇ مەھسۇلاتنىڭ مەدەنىي قىممىتى.

 

ئۈچىنچى خىل سېتىش ئۇسۇلى: مەھسۇلاتنىڭ ماركا قىممىتىنى سېتىش، بۇنىڭدا يەتتە يۈەنگە سېتىشقا بولىدۇ. سىز ئەگەر ئىستاكانغا داڭلىق ماركىدىن بىرنى چاپلاپ ساتسىڭىز، 6،7 يۈەنلەرگە ساتقىلى بولىدۇ. خوشنا دۇكاندىكىلەر ئۈچ يۈەندىن ساتسىمۇ ھېچقىسى يوق، چۈنكى سىزنىڭ ئىستاكانىڭىز ماركىلىق بولۇپ، ھەممە ئادەملەر دېگۈدەك ماركا ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى خالايدۇ، مانا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ماركا قىممىتىنىڭ يارىتىلىشى.

 

تۆتىنچى سېتىش ئۇسۇلى: مەھسۇلاتنىڭ بىرلەشمە قىممىتىنىڭ يارىتىلىشى، ئون بەش يۈەندىن ساتالايسىز. ئەگەر سىز ئۈچ ئىستاكاننى كارتون شەكلىدە لايىھىلەپ بىر يۈرۈش يېقىملىق، نەپىس بولغان ئائىلە يۈرۈشلىكى قىلىپ «مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن» دەپ ئىسىم قويۇپ، بىرىنى دادا، بىرىنى ئانا، بىرىنى بالا ئىشلىتىدىغان قىلسىڭىز، بىر يۈرۈشنى ئەللىك يۈەندىن ساتالايسىز. خوشنا دۇكاننىڭ خوجايىنى ئۈچ يۈەندىن توۋلاپ ساتسىمۇ، كىچىك بالا چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئاپىرىپ «مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن» يۈرۈشلۈكلىرىنى سېتىۋالىدۇ. مانا بۇ مەھسۇلاتنىڭ بىرلەشمە قىممىتىنىڭ يارىتىلىشى.

 

بەشىنچى خىل ئۇسۇل: مەھسۇلاتنىڭ سوزۇلما ئۈنۈم قىممىتى، سەكسەن يۈەنلەردىن ساتايدىغىنىڭىزدا گەپ يوق ئەگەر سىز تاساددىپىي بۇ ئىستاكاننىڭ ماتىرىيالى ماگنېتلىق ماتىرىيالدىن ياسالغىنىنى بايقىغىنىڭىزدا، مەن سىزگە بۇنىڭ ماگنىتلىق داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈملىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن، سىز سەكسەن يۈەنلەردىن ساتالايسىز. بۇ ۋاقىتتا قوشنا دۇكاننىڭ خوجايىنى ئۈچ يۈەندىن سېتىشقا خىجىل بولىدۇ، چۈنكى ھېچكىممۇ بىرى ئۈچ يۈەن بولغان بۇ ئىستاكاننىڭ ماگنىتلىق داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولى بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، مانا مەھسۇلاتنىڭ سوزۇلما ئۈنۈم قىممىتىنىڭ يارىتىلىشى.

 

ئالتىنچى خىل سېتىش ئۇسۇلى: مەھسۇلاتنىڭ ئىنچىكە ئاجرىتىلىش بازار قىممىتى، بىر جۈپىنى 188يۈەندىن ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ماگنىتلىق داۋالاش ئىقتىدارى بار ئىستاكانغا ئون ئىككى مۆچەلنى بېسىپ، ھەمدە مودا بىر جۈپلەرگە بىر يۈرۈش قىلىپ لايىھىلەپ، «ئەبەدىلئەبەد» دېگەندەك ناملارنى قويۇپ، تۇغۇلغان كۈنى بولغان بىر جۈپلەرگە جۈپىنى 188 يۈەندىن ساتسىڭىز، چوقۇم قارشى تەرەپكە نېمە ئېلىپ بېرىشىنى بىلمەي بېشى قېتىۋاتقان ياشلارغا سېتىپ بەرسىڭىز ئۇلار يەنە سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ، مانا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىنچىكە ئاجرىتىلىش بازار قىممىتى.

 

يەتتىنچى خىل سېتىش ئۇسۇلى: مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قىممىتىنى سېتىش، بىر جۈپىنى 288 يۈەندىن ساتسىڭىز تېخىمۇ بەك ئۆتۈشى مۇمكىن ئەگەر ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى بار ئاشىق-مەشۇقلار ئىستاكانىنى مۇنداق ئۈچ خىل ئورىسىڭىز: بىرىنچىسى نەپلىك ئورالما، بىر جۈپى 188 يۈەن، ئىككىنچىسى، نەپىس ئورالما، بىر جۈپى 238 يۈەن، ئۈچىنچىسى، ھەشىمەتلىك ئورالما، بىر جۈپى 288يۈەن. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ياخشى سېتىلىدىغىنى 188 يۈەنلىكى ئەمەس، بەلكى 238 يۈەنلىكىدۇر، مانا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قىممىتىنىڭ يارىتىلىشى.

 

سەككىزىنچى خىل ئۇسۇل، مەھسۇلاتنىڭ خاتىرە قىممىتى، بىرىنى چوقۇم ئىككى مىڭ يۈەندىن ساتىسىز ئەگەر بۇ ئىستاكاننى شى جىنپىڭ ياكى ئوباما قاتارلىق داڭلىق ئادەملەر ئىشلەتكەن بولسا، يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىدا چىش چوتكىلاشقا ئشلەتكەن بولسا، بۇ ئىستاكان، چوقۇم ئىككى مىڭ يۈەنگە يارايدۇ، مانا بۇ مەھسۇلاتنىڭ خاتىرە قىممىتىنىڭ يارىتىلىشى.

 

 

ئاخىرقى سۆز:

 


1،ئىستىمالچىلار مەھسۇلاتنى سېتىۋالغاندا، مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىدىن باشقا يەنە بىر خىل تۇيغۇ، مەدەنىيەت، ئۈمىد، يۈز، غورۇر، ھۆرمەت، چۈشىنىش، ئابروي قاتارلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەنىلەرنى سېتىۋالىدۇ.


2، ئوخشاشلا بىر ئىستاكاندا، ئۇنىڭ رولى، تۈزۈلۈشى، قاتارلىقلار ئوخشاش، لېكىن ئىستاكاننىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ قىممىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ.


3، ئوخشاش بىر ئىستاكان ئوخشىمىغان قىممەتتە سىتىراتىگىيە ئىشلەتكەنسە، ئوخشىمىغان سېتىلىش ئۈنۈمىنى يارىتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
29-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek