ئامېرىكىدىكى نامايىشنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى

 

تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .فېرگوسۇن ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر زاستاتىللار ئۆمىكىنىڭ بىر قارا تەنلىك ئەرنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچىنى ئەيىبلىمەسلىكنى جاكارلىشى ئامېرىكىدا پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش دولقۇنىنى قوزغىدى .

 

ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى شۇ يەر ۋاقتى 7- دېكابىر نيۇيورك ساقچىلىرىنىڭ نامايىشقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى .نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى دابراتىئو 7-دېكابىر يېقىنقى نامايىش دولقۇنىغا قارىتا ساقچى تەرەپنىڭ دانا جانلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللانغانلىقى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ياردىمى بارلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ شەھىرىمىز بىر قەدەر تىنىچ مېنىڭچە نيۇيورك ساقچىلىرى بۇ جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ،گەرچە نامايىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر قانچە كۈن بولغان بولسىمۇ بۇ بىر قاتار نامايىشلارنىڭ ھەممىسى تىنىچ ئېلىپ بېرىلدى ،ساقچىلار دانا جانلىق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن شەھىرىمىز ھېلىھەم تىنىچ ›.

 

بۇ يىل ئاق تەنلىك ساقچى پانتالىئۇ قانۇنسىز تاماكا سېتىۋاتقان گانانى تۇتقاندا ئۇنىڭ كېكىردىكىنى سىقىپ يىقىتقان ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .نيۇيورك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر زاستاتىللار ئۆمىكى 3-دېكابىر بېلەت تاشلاپ پانتالىئوننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى .مەزكۇر ھۆكۈمەت نيۇيوركتىىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى .ۋاشىنگىتون چىكاگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەرلەردە كچىك كۆلەمدە نامايىش بولدى .

 

شۇ يەر ۋاقتى 6-دېكابىر ساقچىلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان پۇقرالارغا چەكتىن ئاشۇرۇپ قورال ئىشلىتىش ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى نيۇيورك قاتارلىق جايلاردا داۋاملاشتى . يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ،ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئېرىق ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئېرىق خاراكتېرىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى يېتەكچى لايىھە يېقىندا ئېلان قىلىنىدىكەن .نيۇيورك شەھىرىدە نەچچە كۈن داۋاملاشقان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئاساسىي جەھەتتىن تىنىچ ھەم تەرتىپلىك بولدى ،لېكىن كالىفورنىيە شتاتىنىڭ بىر شەھىرىدە تىنىچ نامايىش 6-دېكابىر كېچىدە مالىمانچىلىققا ئۆزگەردى ،ساقچى دائىرلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ كىشىلەر توپىنى تارقاقلاشتۇردى .ۋە ئون ئۈچ ئادەمنى قولغا ئالدى ،سىئاتىلدىمۇ يەتتە ئادەم ساقچىلارغا تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىپ تەرتىپنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى .كەينى كەينىدىن يۈز بەرگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە تالاش تارتىش قوزغىغان ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان جىنايەت گۇماندارلىرىغا چەكتىن ئاشۇرۇپ قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا كەينى -كەينىدىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلىدى .

 

ئەدلىيە مىنىستىرى ھود بىر نەچچە كۈن . ئىلگىرى يېقىندا ئېلان قىلىغان ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئېرىق ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئېرىق خاراكتېرىنى چەكلەشنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭىى يېتەكچى لاھىيەنىڭ ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى .نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 6-دېكابىر بىر قانچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بۇ بەلگىلىمىسىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى .لېكىن خەۋەردە يەنە ئايروپورت تاموژنا تەكشۈرۈش ،كۆچمەنلەر تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكى ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق دىلولاردا بۇ يېتەكچى لاھىيىدە بويسۇنمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم ئوخشاش دېلو بار بۇلۇپ ،بۇ دەل ئاق تەنلىك ساقچى ۋېلسوننىڭ بىر قارا تەنلىك ياشنى ئېتىپ ئكلتۈرۈش دىلوسى .فىرگوسۇندىكى نامايىش شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28- كۈنى كەچكىچە داۋام قىلغان ئىدى شۇ كۈنى .يەنە ئون نەپەر نامايىش قىلغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسسۇرى شىتاتىتىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش خامچوتى يېتىشمىگەنلىكتىن مەزكۇر شتاب باشلىقى فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇشقا زۆرۈر بولغان خىراجەتنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى .

28- نويابىر كەچتە فېرگوسۇن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ تەخمىنەن يۈزگە يەتتى ،ساقچىلار رەتكە تىزىلىپ مۇداپىئىلەندى ۋە ئون نەچچە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنى قولغا ئالدى .نەق مەيداندىكى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ساقچىلارنىڭ تەرتىپ ساقلىشىغا ياردەم بەردى .ساقچى تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە فېرگوسۇن رايونىدا ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر كوچىلارغا چىقىشى فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىق يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن .مىسسۇرى شتات باشلىقى ئىشخانىسى 28- نويابىر كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ شتات باشلىقىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە مەزكۇر شتاتنىڭ ھەر قايسى قانۇن تۇرغۇزۇش ئورۇنلىرىدىكى ئەمەلدارلارغا جىددىي تېلېفون قىلىپ جىددىي قانۇن تۇرغۇزۇش يىغىنى ئېچىپ فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇشقا زۆرۈر بولغان ھالقىلىق مەبلەغنى ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى .ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە مەزكۇر مالىيە ئىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش خامچوتى 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرى شتاتنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىگە 30 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى شتاتنىڭ ھەر قايسى ساقچى قىسىملىرىغا ئاجرىتىلىپ بېرىلىدىكەن .گەرچە بۇ خامچوت راسخوتىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى 2014- يىلى 1- ئىيۇلدىن 2015- يىلى 30- ئىيۇنغىچە بولغان بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىي چىقىم مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەچكە ،بۇ بىر قاتار خامچوت راسخوتى تۈگەش ئالدىدا ئىكەن .خەۋەردە فىرگوسۇندىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇشقا يەنە قانچىلىك راسخوت كېتىدىغانلىقى ئاشكارىلانمىدى .ئامېرىكىنىڭ فېرگوسۇن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان قارا تەنلىك ياش بىروۋىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىكى ساقچى ۋىلسون شۇ جاي ۋاقتى 29- نويابىر خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى .ۋىلسون بىر پارچە ئاشكارا خېتىدە ئۆزى داۋاملىق خىزمەت ئىشلىسە خىزمەتداشلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىنىڭ خەتەرگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى .ۋېلسۇن ئۆزىنىڭ داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ لېكىن خىزمەتداشلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقى ئۆزىنىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسى بۇلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ۋىلسون يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا بۇنىڭ ناھايىتى تەستە چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكى ،لېكىن بۇ قارارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى .ۋاھالەنكى ۋېلسوننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشى فېرگوسۇن شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تىنچىلاندۇرالامدۇ ؟بۇنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ .

 


30-نويابىر يەنە بىر تۈركۈم باشقا يەردىكى نامايىشچىلار فېرگوسۇن شەھىرىگە كەلگەن ئىدى ،بۇنىڭ بىلەن ناميىشچىلارنىڭ سانى مىننەتدارلىقى بايرىمى كۈندىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى ،ساقچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە فېرگوسۇن شەھىرىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۇپ نامايىشچىلار كوچىلارغا چىقىشى ،قالايمىقانچىلىق يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن .بۇ يىل 9- نويابىر بىروۋىن قورال ئېلىپ يۈرمىگەن ئەھۋالدا فېرگوسۇن ساقچىسى ئۇنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .بۇ ئىش شۇ يەر ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاممىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئايلانغان ..ئامېرىكا مىسسۇرى شتاتىنىڭ يەرلىك زاستاتىللار ئۆمىكى 24- نويابىر ۋېلسوننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قايتىدىن مالىمانچىلىق يۈز بەردى .

 

 

..لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK

 



خەتكۈچلەر:
10-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek