شىياۋمى 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ۋە سەپلىمىسىگە ئائىت ئۇچۇرلار يەنە ئاشكارىلاندى

     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، چەتئەلدە ئالقىشقا ئېرىشكەن B2C ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى GearBest يېقىندا شىياۋمى 5 نىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يانفونغا 5.2 دىيۇملۇق ئېكران، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، سنەپدراگون 820 قاتارلىقلار سەپلىنىدىغان بولۇپ، 20-فېۋرال ئېلان قىلىنىدىكەن، شۇ كۈنى ياكى ئەتىسىدىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلايدىكەن.


       GearBest تور بېكىتىدە شىياۋمى 5 نىڭ سۈرىتى ۋە قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان. ھالبۇكى، بۇ سۈرەت ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى مىكرو بىلوگدا ئاشكارىلانغىنى بىلەن بىردەك بولۇپ، سۈرەتتىكى شىياۋمى 5 نىڭ شەكلىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوقكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ھەرگىزمۇ شىياۋمى ئورگان تورى تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئەمەسكەن.

      شىياۋمى 5 نىڭ سەپلىمىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شىياۋمى 5 گە ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K گە، پىكسېل زىچلىقى 565PPI گە يېتىدىغان 5.2 دىيۇملۇق ئېكران، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، ئالدىغا سەككىز مىليون پىكسېللىق، ئارقىسىغا 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن، LED چىرىغى ئورنىتىلىدىكەن. بۇ يانفوننىڭ يەنە 64GB لىق نۇسخىسىمۇ ئېلان قىلىنىدىكەن.

        بۇندىن باشقا، شىياۋمى 5 گە سنەپدراگون 820 تىپلىق يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغان بولۇپ، بارماق ئىزىنى تونۇش سېنىزورى home كۇنۇپكىسىغا ئورنىتىلىدىكەن، LTE 4G تورى ۋە قوش كارتىنى تەڭ قوللايدىكەن، باتارىيە سىغىمى 3600 مىللىئامپىر بولىدىكەن. ئاندىرويىد 5.1 ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن MIUI 7 سىستېمىسى قاچىلىنىدىكەن، قارا، ئاق ۋە ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسى بازارغا سېلىنىدىكەن.

        چەتئەل تاراتقۇلىرى دۆلەت ئىچىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، شىياۋمى 5 نىڭ 20-فېۋرال ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇ كۈنى ياكى ئەتىسىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، بىراق، بۇ يانفوننىڭ باھاسىنى ئاشكارىلىمىغان. بۇندىن ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا، شىياۋمى 5 نىڭ ئاساس گەۋدىسىگە مېتال ۋە ئەينەك ماتىرىيال قىلىنىدىغان ئىككى خىل نۇسخىسى بارلىقى، 5.2 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغانلىقى، ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080p ۋە 2K دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغانلىقى، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە NFC تېخنىكىسى ئىشلىتىلىدىغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

ئەلۋەتتە، يۇقارقى ئۇچۇرلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ، شىياۋمى 5 نىڭ باھار بايرىمىدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، يەنى 1999 يۈەن بولامدۇ ياكى 3000 يۈەنگە يىقىنلىشامدۇ بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولمايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek