شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى..ئېران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت بىلەن ئېران دىپلوماتىيە مىنىستىرى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋىنادا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ ،ئېران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنىڭ مۆھلىتىنى 215-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى ھەمدە كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بىر تۈرلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى قارار قىلدى .كېلەي ئايدا ئالتە دۆلەت بىلەن ئې ران داۋاملىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ .ئورتاق باياناتتا مۇنداق دېيىلدى :‹ھەر قايسى تەرەپلەر نۆۋەتتىكى ھالەتنى ئاساس قىلىپ ،ئامال بار 4 ئاي ئىچىدە سۆھبەتنى تاماملىشىشى ،زۆرۈر تېپىلغاندا 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قىياس قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ھەر قانداق تېخنىكىلىق ۋە لايىھە خىزمىتىنى تاماملىشىشى كېرەك .باياناتتا يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدا ئالتە دۆلەت بىلەن ئېران ھاسىل قىلغان ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
‹ئېلىمىز كۆپ قېتىم ئىجابىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ،ئېلىمىز ئاخىرقى مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئىجابىي رول ئوينىدى ›. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېرىي مۇنداق دېدى :‹بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مۇھىم ئىدىيە ۋە ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى ›.
ئېران زۇڭتۇڭى روھانىي تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى :‹سۆھبەتلىشىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يۈزلەندى ،كۆپ قىسىم ئىختىلاپلار ھەل قىلىندى ،ئېران ئۆزىگە تېگىشلىك ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشتا ھەرگىز يول قويمايدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved