شىنخۇا تورى ، ئۈرۈمچى ، 7–ئىيۇل تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تاقىرتاغ كۆمۈر كېنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭ تاقىرتاغ ‹‹ يۈشىن ›› كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1-نومۇرلۇق قۇدۇقىدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ، قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان 17 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان . نۆۋەتتە ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى جىددى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ .
شىنجاڭ تاقىرتاغ ‹‹ يۈشىن ›› كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1-نومۇرلۇق قۇدۇقىدا 5-ئىيۇل سائەت 20:43 دە گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . ۋەقە يۈز بەرگەندە قۇدۇق ئاستىدا جەمئىي 20 ئادەم مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ، ئۈچ ئادەم ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇتقۇزۋېلىنغان ، باشقا 17 ئادەم قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلغان . دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ماسلاشقان .
شىنجاڭ تاقىرتاغ ‹‹ يۈشىن ›› كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كان رايونى فۇكاڭ شەھىرى چېگرىسىدا بولۇپ ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 120 كىلومېتىر كېلىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved