لەگلەك تورى خەۋىرى، مىكروسوفت WinHec چوڭ يىغىنى شىنجىندا رەسمىي ئىچىلغان. ئىلىمىزدە خوۋاي شىركىتى باشچىلىقىدا مىكروسوفت Windows Phone قۇشۇنىغا كىرگەن شىركەتلەرنىڭ WindowsPhone نۇسخسىدىكى يانفۇنلار بازارغا سېلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ مانا شىياۋمي شىركىتىمۇ بۇ WindowsPhone قۇشۇنىغا قۇشۇلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا مىكروسوفت تەرەپنىڭ Windows گۇرۇپپا مەسئۇل خادىمى Myerson رىياسەتچىلىكىدە رەسىمي شىياۋمي تۆتىنچى ئەۋلاد مىكروسوفت Windows Phoneمەشغۇلات سىستېمىلىق يانفون ئىلان قىلدى.
شىياۋمي شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يانفۇننى ئىلان قىلىشى ئەمەلىيەتتە مىكروسوفتWindowsPhone قۇشۇنىغا رەسمىي قۇشۇلغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. شىياۋمىي تۆتىنچى ئەۋلاد Windows Phone10 يانفوننىڭ قاتتىق دېتال تەرەپلەردە شىياۋمي تۆتىنچى ئەۋلادAndroidمەشغۇلات سىستېمىلىق يانفونى بىلەن ئوخشاش. سېتىۋالغۇچىلار بۇ بىر يانفۇننىڭ ئىككى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ.
شىياۋمي ھەۋەسكارلىرىنىڭ توردىكى ئاقما خەۋەرلىرىدە Windows Phone مەشغۇلات سىستېملىق يانفۇنىغا Android مەشغۇلات سىستېمىسنى قاچلاشقا بولامدۇ يوق دىگەن توغرىسدا مۇنازىرىلەر ۋە خەۋەرلەر تارقالغان. شىياۋمي تەرەپ تېخى بۇنىڭغا ئىنىق بىرەر ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. لېكىن مىكروسوفت خەۋەرلىرىدە شىياۋمىي تەرەپ ئاچقۇچىلىرى Windows ROM نى ئاچقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved