مويېس : خانلىق مادرىدنىڭ ئىپادىسى دۇنيا چىمپىيونىغا مۇناسىپ توپ مەستانىلىرى بىيلىغا كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك .
ئىسپانىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 21-ئايلانمىسى ، مويېس يېتەكلىگەن خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى بېرنابىئو توپ مەيدانىغا مېھمان بولۇپ خانلىق مادرىدنىڭ تۆت توپ كىرگەۈزۈپ قىساس ئېلىشىغا يولۇقتى ، مۇسابىقىدىن كېيىن شوتلاندىيلىك باش مەشقاۋۇل رەقىبىسىنىڭ ئىپادىسىنى ماختىدىۋە ئۇدا يوپ كىرگۈزىدىغان ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان بىيىل توغرىسىدا سۆز قىلدى، ئۇ ئاۋۋال ئەنچىلوتىتنىڭ توپ كوماندىسىنى ماختىدى :«بەزىدە مۇشۇنداق رەقىبلەرگەۈيولىققاندا سىزنىڭ ئۇلارغا تەھدىت سېلشىڭىز ئىنتايىن تەس مىنىڭ بۈگۈن كۆرگۈنۈم بولسا بىر دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كوماندا ، ئۇلار دۇنيا چىمپىيونىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرسەتتى، بولۇپمۇ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە .»
بىيل مۇسابىقىدە كۆپلىگەن توپ كىرگۈزىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىسراپ قىلىۋەتتى ، يەنە ساھىبخان مەيدانىدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ «ئۈش »دېيىشىگە يۇلۇقتى رەقىب بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مويېس ۋېلشىنىڭ يان ھۇجۇمچىسىغا خانلىق مادرىد توپ مەستانىلىرىنىڭ كەڭ –قورساق بولىشىنى ئېيىتتى .
مويېس سۆز قىلىپ :«ئۇ بۈگۈن ھەقىقەتەن بىر-ئىككى پۇرسەتنى چەڭ تۇتالمىدى ، ئەگەردە باشقا كۈندىكى مۇسابىقلەردە بولسا ، ئۇ توپ كىرگەۈزەلەيتتى ، بىنىڭ ئەنسىرگەۈچىلىكى يوق ، ئۇ بىر ئالاھىدە توپچى ، ھامان بىر كۈنى توپ كىرگۈزىدۇ، مەنمۇ بۈگۈن خانلىق مادرىد بىيلىنىڭ توپ كىرگۈزىشىگە موھتاج دوپ قارىمايمەن .»دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved