ئەنگلىيەلىك ئەرنى قىز دوستىنىڭ ئامراق ئىتى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

يېڭى يىل بايرىمىدا، ئەنگلىيەدە ناھايىتى كەم كۆرۈلىدىغان پاجىئە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر قىزنىڭ ئامراق ئىتى توساتتىنلا غالجىرلىشىپ قىزنىڭ ئوغۇل دوستىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مال دوختۇرلىرى بۇ ئىتنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

      شىئىر ئىسىملىك بۇ قىز شۇ كۈنى Tiger ئىسىملىك ئىتىنى ئېلىپ، ئەنگلىيەنىڭ لەنكا ناھىيىسى پىرېستون (Preston) دىكى ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆيىگە يېڭى يىل ئۆتكۈزگىلى كەلگەن، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، Tiger ئىسىملىك ئىتنىڭ توساتتىنلا غالجىرلىقى تۇتۇپ شىئىرنىڭ 22 ياشلىق ئوغۇل دوستى-LiamHewitson نى چىشلەپ ئېغىر يارىلاندۇرغان، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال يېتىپ كېلىپ LiamHewitson نى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزغان، لېكىن شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتىدە LiamHewitson قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

     شۇ كۈنى كەچتە، LiamHewitson نىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى توردا LiamHewitson نىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە قايغۇرۇپ ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرگەن، شىئىرمۇ فەيىسبۇك تورىدا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن:‹مەن ئۇنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياد ئېتىمەن›.

    شىئىر يەنە مۇنداق دېگەن:‹ئوغۇل دوستۇم ئىتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتۇپ قالغاچقا، ئىتقا قىلچىلىك قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى›. بۇ ۋەقەدە، شىئىر ئىسىملىك قىز ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپلا قالغان بولماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئامراق ئىتىمۇ مال دوختۇرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

      LiamHewitson نىڭ ئۇدۇل قوشنىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:‹بۇ ئىت ئەسلىدە ناھايىتى يۇۋاش ھەم ياخشى ئىدى، لېكىن يېرىم يىل ئىلگىرى بۇ ئىتنىڭ خۇي-پەيلى توساتتىنلا ئۆزگىرىپ، ھەمىشە ھاۋشىپلا تۇرىدىغان، ئادەمنى يېقىن يولاتماس بولۇپ قالغان›.


     ساقچى تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ:‹يېڭى يىل بايرىمىدا ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى ھەقىقەتەن پاجىئەلىك ئىش› دېگەن ھەم ساقچى تەرەپنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.



خەتكۈچلەر:
03-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek