9-دېكابىر رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىندىن بۇرۇن ئىككى تەرەپلىك ئۇچراشتى. پۇتىننىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات كاتىپى دېمىتىرى پىسكوف تاراتقۇلارغا: زىيارەت كېلەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن باش ۋەزىر ئابىشىنزۇ ئىككى تەرەپكە قولايلىق بولغان ۋاقىتتا رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇش كونكىرىت ۋاقتىنى كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەت ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە تىنچلىق شەرتنامىسى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى. پىسكوف تولۇقلاپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن رۇسىيەنىڭ مەيدانىنى ناھايىتى تەپسىلى شەرھىلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىشىشىنى جۈملىدىن تىنچلىق شەرتنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بېكىتتى، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved