قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىن ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى بويىچە قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسى 2 – كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشنى ئىنچىكە نۇقتىلاردىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئەل قەلبىنى ئۇتۇش جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كەنتتىكى دائىمىي نوپۇس بىلەن كۆچمە نوپۇسلارنى ئېنىقلاپ تىزىملىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدا ھەر بىر ئائىلىدىكىلەر كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنى كىملىك، نوپۇسنىڭ ئاساسىي بېتى ۋە ئۆزىنىڭ نوپۇسى، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ بىر سۇڭلۇق سۈرىتى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەش سۇڭلۇق ئوپچە سۈرىتى بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنغان. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار بۇ خىزمەتنىڭ سىجىللىقى، شۇنىڭدەك كەنتتە سۈرەتخانا بولماسلىقى، دېھقانلارنىڭ سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۈرەتخانىغا بارىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، كەنت كومىتېتى ھويلىسىدا ‹‹ئۈچ ئەل›› سۈرەتخانىسى تەسىس قىلىپ، 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا، خىزمەتچىلەر ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي توپلاپ، ج خ سىستېمىسىنىڭ نوپۇس سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، توغرىلىق نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى. يەنە كەنتتىكى 550 ئائىلىلىك 2314 نوپۇسنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تەييارلىدى.
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار يەنە ‹‹ئۈچ بىر گەۋدە›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرى، كەنت ساقچىلىرى بىلەن بىرلەشمە دىجورنىلىك قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كۈندە 24 سائەت دىجورنىلىكتە تۇردى؛ كەنت ساقچىلىرى، كەنت كادىرلىرىغا ھەمكارلىشىپ، كېچىلىك چارلاش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، كۆچمە نوپۇس، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلەر، سىرتتىن كەلگەنلەرنى، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. 2 – كەنتتىكىلەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قوشماقلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 30 كىشى بىلەن قوشماقلاردىن بولدى. ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى ھەم ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە تەدبىر تۈزۈپ، بىر – بىرلەپ ھەل قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا 4 – مەھەللىدىكى بىر ئېلېكتىرلەشكەن قۇدۇقنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان رېمونت قىلىنماي، سۈيى ئازلاپ كەتكەنلىكى، قۇدۇقنىڭ سۈيى توختاپ قالسا 4 – مەھەللىدىكى 1000 مودىن كۆپرەك ئېتىزدىن ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، رېمونت قىلىشقا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، ئىدارىدىكى خادىملارنى سەپەرۋەر قىلىپ، 18 مىڭ 300 يۈەن ئىئانە توپلاپ، قۇدۇقنى رېمونت قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار بۇ قۇدۇقنى ‹‹دۆلەت باج بۇلىقى›› دەپ ئاتىشىدىغان بولۇشتى. دېھقانلارنىڭ 2 –، 3 – مەھەللە ئارىلىقىغا بىر كۆۋرۈك سېلىش ئىنكاسىغا ئاساسەن، بۇ كۆۋرۈكنى كەنتكە ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈر ۋە خەلققە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى ‹‹ئەل قەلبىنى ئىللىتىش›› قۇرۇلۇشى قىلىپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، 10 – ئايدا كۆۋرۈك سېلىشقا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ ئىش باشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، ئېغىر ئاغرىقلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى يوقلاپ تۇرۇشنى خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۆز يانلىرىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇردى. ھازىر سەمەن يېزىسى 2 – كەنتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، مۇھىت پاكىزلاندى؛ ئاممىنىڭ ھالال ئەمگەك بىلەن بېيىش ئېڭى كۈچىيىپ، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئاشتى؛ كەنت كادىرلىرى خىزمەتتە تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇپ، دېموكراتىيە ئېڭى، قانۇن ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى؛ كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنلىشىپ، پۇقرالار بىرەر ئىشقا يولۇقسا كەنت كومىتېتىغا كېلىدىغان، كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سوراپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بولۇشتى، كەنتتىكىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved