ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى كۇرت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى ۋە بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 31-يانۋار يېڭىلگەنلىكى ھەمدە سۇرىيەنىڭ ئاساسلىق چېگرا بويىدىكى شەھىرى كېبانىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، گېنېرال لېيتېنانتى تېررىي مەسئۇللىقىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە تېررىي كۇرت قوراللىقلىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ يەنىمۇ قاتتىق ھاۋا ھۇجۇمى كۇرت قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا مەدەت بېرىپ، رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلارنى سۇرىيەنىڭ شىمالىي بىلەن تۈركىيە چېگرالىنىدىغان رايوندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي شۇ كۈنى بوستوندا مۇنداق دېدى: كېبانىنى ئىگىلەش ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىمۋوللۇق نەتىجە.
مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved