مىسىر قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 16-ئىيۇن سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ تۈرمىدىن قېچىش جىنايىتىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەم جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى. تۈرمىدىن قېچىش دېلوسى ۋە جاسۇسلۇق دېلوسى سەۋەبىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھۆكۈم قىلىنغانلار يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نۇرغۇن رەھبەرلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇرسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىش كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك ئىش بولغاندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاشكارىلانغان مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشىگىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
تەھلىلچىلەر بۇنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ھۆكۈم-مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تىنچ كۈچ كۆرسىتىش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، زوراۋانلىق، قارشىلىشىش بىلەن ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بۇندىن كېيىن ئەسەبىيلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش ئوبيېكتىمۇ ھەربىي، ساقچىلاردىن پۇقرالارغىچە كېڭىيىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
لېكىن بەزى ئالىملار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىسىر ۋەزىيىتىدە كەسكىن داۋالغۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2013-يىلى 8-ئايدا مىسىر ئارمىيەسى مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى مەجبۇرىي تازىلىغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسەتكۈدەك چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ باقمىدى. گەرچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق قانۇنلۇق بولۇشنى قوللاش مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى بىر نەچچە قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا، ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى زور بولمىدى.
مۇرسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، دائىرىلەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا ئىسلام كۈچلىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەلگۈسىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا، ئىسلام پارتىيەلىرىگە قالدۇرۇلىدىغان ئورۇن يەنىلا ئىنتايىن چەكلىك، ئىسلام گۇرۇھلىرىنىڭ ھەقىقىي سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى تەس. يەنە بىر تەرەپتىن، نۆۋەتتىكى يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتتە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بۆلۈنۈش يۈز بەردى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ھاكىمىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم ئەربابلارمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي قارىشىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىسلام گۇرۇھلىرى شۈكلەپ قالدى.
مىسىر ئەلئېھرام ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەھمەد بان مۇنداق دەپ قارىدى: مۇرسى زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەتىجىسى ياخشى بولماستىن، ئەكسىچە ئىسلاملاشتۇرۇشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، بۇ-ئۇنىڭ ئاخىرىدا تەختتىن چۈشۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇندىن باشقا، مىسىرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى بىر نەچچە يىللىق داۋالغۇشتا قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى، پۇقرالارنىڭ دەردى ھەسسىلەپ ئېشىپ، مۇقىملىقنى قوغداش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىپ قالدى.
سېسى تەختكە چىققاندىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى بىر قولدا جەمئىيەت تەرتىپىنى كۈچلۈك قوغداپ، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم كۆرۈلدى، ئىقتىسادمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. دىپلوماتىيە ساھەسىدە، مىسىر غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقاردى، ياخشى خەلقئارا مۇھىت-سېسى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولدى، ئاخىرىدا مۇرسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى ساقلاپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىش ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا زور تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ.
مىسىرنىڭ بىر قانۇن مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: مىسىر قانۇنىغا ئاساسەن، مۇرسىنىڭ يەنە ئىككى قېتىم نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش پۇرسىتى بار، ئىككى تەرەپنىڭ سوتتىكى تىركىشىشى يەنىلا داۋاملىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇرسى ئىككى قېتىم نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مىسىر قانۇنىدا زۇڭتۇڭنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 80 نەچچە يىللىق تارىخى ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نېرۋىسىغا تېخىمۇ تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنى ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved