لىيەنشىياڭنىڭ يېڭى يانفونى A7010 نىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى

      لىيەنشىياڭنىڭ يېڭى يانفونى A7010 نىڭ ئۇچۇرلىرى بۇندىن ئىلگىرى GFXBench تور بېكىتىدە ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يانفون ھازىرغىچە رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان. بىراق، يېقىندا بۇ يانفون رومىنىيەدىكى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى eMAGIA دا پەيدا بولغان.

A7010 نىڭ سىرتقى شەكلى لىيەنشىياڭنىڭ يېڭى يانفونى لېمېڭ X3 گە ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، يانفون گەۋدىسى پۈتۈنلەي قارا رەڭدە لايىھەلەنگەن، مەۋھۇم كۇنۇپكا، قوش ياڭراتقۇ قوشۇلغان، ئاساس گەۋدىسى مېتالدىن ياسالغان، بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى ھازىرلانغان.


    eMAGIAتور بېكىتىدە تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، لىيەنشىياڭ A7010 يانفونىغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، لىيەنفاكې MT6753 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 8GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، بەش مىليون ۋە 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا شۇنداقلا 3300 مىللىئامپىرلىق باتارىيە قاتارلىقلار سەپلەنگەن، ئاندىرويىد 5.1 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
09-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    6-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېيجىڭ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بىر مەيدان گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇرنى كۈتۈۋالدى، يامغۇرغا قوشۇلۇپ گۈلدۈرماما ۋە چاقماق چاقتى، قىسمەن جايلاردا مۆلدۈر چۈشتى. سۈرەتتە بېيجىڭ يۈەنمىڭيۈەن ئەتراپ...
28-05-2016
    شىنجاڭ تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 5 بال شەرقىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىققان ئىدى. ئۈرۈمچى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ...
28-05-2016
         يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم  ھەيران ...
27-05-2016
       5-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتى قارا قۇيۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قارا قۇيۇن قەدەم باسقان جايلار ئېغىر ۋەيرانچىلققا ئۇچراپ، ئۆيلەرنىڭ بىرسىمۇ ساق قالمىغان. قارا قۇيۇن يېت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ ئامامى ئوشىما ئارى...
27-05-2016
        5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
26-05-2016
   مۇخبىرنىڭ 24-ماي سىچۈەن ئورمانچىلىق بايلىقى ۋە ئۈنۈمنى كۆزىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سىچۈەندە سۈنئىي كۆپەيتىلگەن مۈشۈكئېيىق سانى 364كە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۈشۈكئېيىق ...
26-05-2016
  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستا-ئاستا ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۇز سىزىق بويىچە ئۆرلەيدىكەن. 25-ماي يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃27 بولغان. بۈگۈن (26-ماي) يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ℃30 بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن. ...
26-05-2016
 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈچ يىللىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، كۆلىمى 304 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ باغچىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 8-شەھەر دەرىجىلىك باغچا...
26-05-2016
سۈرەتتە: ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ياماگۇچى ئۆلكىسى شىمونوسېكى شەھىرى (Yamaguchi Prefecture Shimonoseki City) سۇ جانلىقلىرى سارىيى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىككى قەلئە پىنگىۋىنىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچ...
Powered by Leglek