ئافغانىستان ئارمىيسى تالىبان قۇراللىقلىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇشتى

يەر شارى خەۋەر تورى 16-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان ئارمىيىسى ئافغانىستاننىڭ بىر قانچە رايۇنلىرىدا تالىبان قۇراللىقلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ 138 نەپەر تالىبان قۇراللىقىنى ئۆلتۈردى ۋە 83 نەپەر قۇراللىقنى يارىلاندۇردى. ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، جۈمە كۈنىدىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز، فەرياب، سارىپۇل، بەدەخشان، زابۇل، ئۇرۇزگان، غەزنە، پاكتىيا،نانگارھار ۋە گۇر رايۇنلىرىدا ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تالىبان قۇراللىقلىرىغا قارشى ھەرىكەت باشلىغان. باياناتقا ئاساسلانغاندا يۇقارقى رايۇنلاردىكى ھەرىكەتلەردە 138 نەپەر تالىبان قۇراللىقى ئېتىپ تاشلانغان، 83 نەپىرى يارىلانغان، يارىلانغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەسىر ئېلىنغان. باياناتتا كۆرسىتىلىشچە، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسملىرى باغلان ۋە قەندەھار رايۇنلىرىدا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنى ئاكتىپسىزلاشتۇرغان ۋە تالىبانغا ئائىت قۇرال-ياراغ ۋە 55 موتوسىكلىتنى قولغا چۈشۈرگەن.
تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقارقى توقۇنۇشلاردا پەنجشىر، باغلان، قۇندۇز رايۇنلىرىدا ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىدىن 22 نەپەر ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تالىبان ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى باشلىغان « ئىرادە» ناملىق ھۇجۇم ھەرىكىتىنى ئافغانىستاننىڭ بىر قانچە رايۇنلىرىدا كېڭەيتمەكتە.



17-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek