دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 3-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.5 چۈشۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئاشتى؛ 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرىچە %1.2 ئۆرلىدى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 چۈشۈپ، بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىدى. مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مال باھاسىدا تۆۋەنلەش بېسىمى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ئىستېمال ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بىراق سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ ئىجابىي سىگنالى چىقىرىلىپ بولدى، كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆرلىشى كۆزلىمە ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ چاغاندىكى گۆش، تۇخۇم، قۇش مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا، چاغاندىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياج پەسەيدى، باھامۇ تەبىئىيلا چۈشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاغاندىن كېيىن ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ھۆل-يېغىن مۇۋاپىق بولۇپ، بازار تەمىناتى موللاشتى، بۇمۇ كۆكتاتچىلارنىڭ كۆكتات سېتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاخىرىدا يېمەكلىك باھاسىنىڭ 3-ئايدا زور كۆلەمدە چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولدى شۇنداقلا پۈتكۈل ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتىنىمۇ %0.5 چۈشۈردى.
بۇندىن باشقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن شەھەرلەرگە قايتىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇن دەم ئېلىشتىن كېيىنكى سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئايروپىلان بېلىتى ۋە ساياھەت باھاسى چۈشتى، بۇلارمۇ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. بىراق، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قىسمەن تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت باھاسى يەنىلا ئۆرلىدى. خەيتوڭ ئاكسىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق مەبلەغ سېلىش تەھلىلچىسى شيا لىجۈن مۇنداق دېدى: ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى-پۈتكۈل ئۈچ ئايلىق ئىستېمال جەريانىدىكى پۈتكۈل ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىكى ئامىللاردا تۈپكى ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، بىز ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۈچ ئايدا %2 تىن تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىغانلىقىنى كۆردۇق، گەرچە كېيىنكى مەزگىلدە بىز ئالاقىدار ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ئىستېمالغا بەلگىلىك تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆرگەن بولساقمۇ، لېكىن تۈپتىن بۇرۇلۇش ياساشتا يەنىلا كېيىنكى مەزگىلدە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى سىياسەتنىڭ قوللىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلاشتى، بۇ مەنپىي قىممەت پەيدا قىلامدۇ-يوق؟ ياۋ جىڭيۈەن بۇنىڭغا ياق دەپ جاۋاپ بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلەت مۇقىم ئاشۇرۇشنى ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ بىر مۇھىم نىشانى ھەم ۋەزىپىسى قىلدى، بۇ يىللىق مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەمما بىزدە ھەم پۇل پاخاللىقى پەيدا بولمايدۇ ھەم تارىيىش بولمايدۇ. 3-ئايدا، قىسمەن سانائەت كەسىپلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.1 چۈشۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 تۆۋەنلىدى، گەرچە يەنىلا چۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن چۈشۈش كۆلىمى سەل تارايدى، بولۇپمۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تارايدى. شيا لىجۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بىلەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇشى-بىزنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىمىزنى يەنىمۇ بوشىتىشىمىزغا ياخشى ماكان ھازىرلاپ بەردى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved