بانكا ھەربىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بانكىغا تايىنىدۇ. مەيلى تەرەققىيات قىلىۋاتقان دۆلەت بولسۇن ياكى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولسۇن، بانكا دۆلەتنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدۇ. يىقىندا، ئامرىكا ئاخباراتى incomefile 2013-يىلدىكى خەلقئارا بانكىلىرىنىڭ مەبلەغ ۋە خىرىدار تەرەپلىرىگە ئاساسلىنىپ 2014-يىلدىكى پۇلى ئەڭ كۆپ بانكىلارنى تاللاپ چىقتى.
جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسى
دۆلەت: جوڭگۇ. شەھەر: بىيجىڭ. بايلىقى: 2788905720 مىڭ ئامرىكا دوللىرى. جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسى 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شىركىتى بىيجىڭدا، جوڭگۇدىكى تۆت چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى ھەم دۇنيا 500 چوڭ كارخانىنىڭ بىرى. بۇ بانكا جوڭگۇدىكى خىرىدارى ئەڭ كۆپ بولغان سودا بانكىسى.
چەيىز مورگان بانكىسى
دۆلەت: ئامرىكا .شەھەر: نيۇيورك. بايلىقى: 2359141000 مىڭ دوللىرى. بۇ بانكا ئامرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بانكا بولۇپ 1799-يىل نىيۇۋيوركتا قۇرۇلغان، قۇرغۇچىسى مورگان. چەيىز مورگان بانكىسى 200-يىلى چەيىز خارمەن بانكىسى ۋە J.P.مورگان شىركىتى بىرلىشىپ قۇرغان بانكا بولۇپ، بۇ بانكنىڭ مۇلازىمىتى 60 نەچچە دۆلەتكە يۈزلەنگەن.
ئامرىكا بانكىسى
دۆلەت: ئامرىكا. شەھەر: شاروت شەھىرى. بايلىقى: 2212004450 مىڭ دوللىرى. بۇ بانكا ئامرىكىنىڭ شاروت شەھىرىدە قۇرۇلغان، دۆلەت ئاتلىغان بانكا بولۇپ، ئامرىكىدىكى ئىككىنجى چوڭ پايچەك كونتىرول شىركىتى ھىسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ بانكا ئامرىكىدىكى بىرىنجى سودا بانكىسى بوپ قالدى.
HSBC بانكىسى
دۆلەت: ئەنگىلىيە. شەھەر: لوندون. بايلىقى:269238000 مىڭ دوللار. بۇ بانكا ئەنگىلىيەدىكى دۆلەت ئاتلىغان، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى ھىسابلىنىدۇ. بانكا مەركىزى لوندونغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى.
جوڭگۇ قۇرۇلۇش بانكىسى
دۆلەت: جوڭگۇ .شەھەر: بىيجىڭ. بايلىقى: 2221435290 مىڭ دوللار. بۇ بانكا 1954-يىلى بىيجىڭدا قۇرۇلغان بولۇپ،ب اشتىكى ئىسمى جوڭگۇ خەلق قۇرۇلۇش بانكىسى ئىدى، 1996-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى جوڭگۇ قۇرۇلۇش بانكىسى دەپ ئاتالغان.ب ۇ بانكىنىڭ جوڭگۇدا 14تارماق شىركىتى، 141مۇلازىمەت رايونى بار، شىياڭگاڭ،تەيۋەن قاتارلىق يەرلەردىمۇ تارماق بانكىسى بار.
سىتى گوروھى
دۆلەت:ئامرىكا شەھەر:نىيۇيورك بايلىقى:1864660000 مىڭ دوللار. بۇ گورۇھ 1998-يىل 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە سىتى بانكىسىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان، سىتى بانكىسىدىن 1955-يىل سىتى بانكىسى ۋە نىۋيورك بىرىنجى پۇقرالار بانكىسى بىرلىشىپ قۇرۇلغان بانكا. 1976-يىل 3-ئايدا ھازىرقى ئىسىمگە ئۆزگەرتكەن.
مىتشۇبىشى پۇل مۇئامىلە بانكىسى
دۆلەت :ياپونىيە شەھىرى:توكيو بايلىقى:2709401510 مىڭ دوللار .2001-يىل توكيودا قۇرۇلغان.بۇ بانكا مىتشۇ پۇل مۇئامىلە گورۇھى (MTFG)بىلەن بىشى پاي چەك شىركىتى (UFJ Holding)بىرلىشىپ 2005-يىل 10-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان.
ۋەلىس فەرگو بانكىسى
دۆلەت : ئامرىكا شەھەر: سان فىرانسىسكوبايلىقى: 1422968000 مىڭ دوللار . بۇ بانكا 1852-يىلى ئامرىكا سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بانكا، ھەم ئامرىكىدىكى تۆتىنجى چوڭ بانكا.
جوڭگۇ بانكىسى
دۆلەت: جوڭگۇ شەھەر: بىيجىڭ بايلىقى: 2015996030 مىڭ دوللار. بۇ بانكىنىڭ تولۇق ئىسمى جوڭگۇ بانكىسى پايچېك چەكلىك شىركىتى بولۇپ باش شىركىتى بىيجىڭ فۇشىڭمىن كوچىسىغا جايلاشقان. بۇ بانكا37 دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
جوڭگۇ يىزا ئىگىلىك بانكىسى
دۆلەت:جوڭگۇ شەھەر: بىيجىڭ بايلىقى: 2105618760 مىڭ دوللار. بۇ بانكا 1951-يىلى قۇرۇلغان، يىڭى جوڭگۇ قۇرغان بىرىنجى سودا بانكىسى ھىسابلىنىدۇ، ھەم جوڭگۇ پۇل ئامانەت سىستىمىسىنىڭ مۇھىم قىسمى بوپ قالدى. 2010-يىلى بۇ بانكىنىڭ خەلقئارادىكى قىممىتى 5-ئورۇندا تۇرغان.
جوڭگۇ ئىقتىساد تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved