جۇ يۇڭكاڭنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە پەيدا قىلغان ناچار تەسىرىنى تۈگىتىش كېرەك
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن يىللىق دوكلات (2014- يىل)» (ئاق تاشلىق كىتاب)تا مۇنداق دېيىلدى: 2014- يىلى سوت مەھكىمىسى ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش ۋە قانۇننى پاك يۈرگۈزۈش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ساقچىلارغا جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي قاتارلىقلارنىڭ قانۇننى ئاياغ ئاستى قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قانۇنسىز سىياسىي ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش قىلمىشلىرى پەيدا قىلغان ئېغىر خەۋپنى تولۇق تونۇپ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە پەيدا قىلغان ناچار تەسىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، كادىرلار بىلەن ساقچىلارنى چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇشقا يېتەكلىدى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 2014- يىلى پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشى بويىچە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ساقچىلار قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 33 دېلودا «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»نى يولغا قويدى، سوت مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىك ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى بار 73 نەپەر رەھبىرىي كادىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى.
ئەدلىيە خىزمىتى ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى 2014- يىلى كۈندىلىك سوت قىلىش ئىشلىرىنى 48 مىڭ 809 قېتىم، مەخسۇس سوت قىلىش ئىشلىرىنى 9629 قېتىم تەكشۈرۈپ، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق ئىستىل مەسىلىلىرىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشتىن 1206 ئادەم/ قېتىم نەق مەيداندا تۈزىتىپ، 177 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى، 19 كىشىگە باشقا جازا بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى 20 تىپىك دېلونى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلدى.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: 2014 - يىلى مەملىكىتىمىزدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 2180 ساقچىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، 1937 دېلونى بىر تەرەپ قىلدى. 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 180 كىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 1733 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بەردى.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
|
 |
ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
|
 |
ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
|
 |
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
|
 |
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
|
 |
جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
|
 |
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە.
2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
|
 |
4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
|
 |
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.
...
|
 |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
|