2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى كۆرگەزمە زالىدا خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم رەھبەرلىكى،خوتەن ئۇيغار مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى،ئارمان گوروھى مارىي براون تېز تاماقخانىسى خوتەن تارماق دۇكىنى،خوتەن شەھەر ئىنساب كىتابخانىسى،خوتەن قەدىمى چىنار يېزا-ئىگىلىك پەن تېخنىكا ئېچىش چەكلىك شىركىتى،رومىيو فوتو-سۈرەت سىتودىيەسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇراخمان توختى ئىجادىيىتىدىكى كەڭ دائىرىلىك فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلدى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 4كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پائالىيەت باشلىنىش مۇراسىمىغا مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ 800دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
ئابدۇراخمان توختى 2011-يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇزىكا مائارىپى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ،بۇ جەرياندا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى ،تىرىشىشى نەتىجىسىدە،ئۆز كەسپىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىپلا قالماستىن يەنە،فوتو-سۈرەتچىلىك،ئوپىراتورلۇق ۋە شۇنىڭدەك ھەرخىل كىنو-تىياتىر سىنارىيەسى يېزىش جەھەتتىمۇ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
2014-يىلى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مىكرو فىلىم مۇسابىقىسىدە ئۇ ئىشلىگەن"پىراكتىكانت ئوقۇتقۇچى"ناملىق مىكرو فىلىم پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،"ئاتا روھى"ناملىق MTV 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى.
ئۇ بۇ قېتىمقى فوتو –سۈرەت كۆرگەزمىسىگە خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇ قاتارلىق شەھەر-ناھىيەلەردە تارتقان 65پارچە ئەسىرىنى قاتناشتۇردى.
ئېگىلىشىمىزچە بۇ كۆرگەزمە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدىكەن.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved