گىرىتسىيە زۇڭتۇڭى سىپراس رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ پۇتىندىن ياردەم تەلەپ قىلماقچىمۇ؟

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 8-ئاپرېل موسكىۋادا زىيارەتكە كەلگەن گىرىتسىيە زۇڭلىسى سىپراس بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرەلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتتىن كېيىن 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى شۇنداقلا 2016-يىلى ئۆز ئارا دۆلەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھالەردىكى ھەمكارلىقنى قانداق كۈچەيتىشنى مۇھاكىمەت قىلدى، ھەمدە بىر قىسىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. پۇتىن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكەن يىلقى سودا سوممىسى ھەر قايسى تەرەپتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى، بىراق رۇسىيە گىرىتسىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئۆتكەن يىلى رۇسىيە بىلەن گىرىتسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 چۈشۈپ كەتتى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بار، بىراق، بىز ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز. شۇڭا بىز بۈگۈن 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالىدۇق، بىز مەبلەغ سېلىش سوممىسى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما بۇ ھەمكارلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.
بۇندىن ئىلگىرى جامائەتچىلىك: سىپراسنىڭ بۇ قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى رۇسىيەنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، دەپ ھېسابلىغان ئىدى. بىراق پۇتىن مۇخبىرلار يىغىنىدا: سىپراس سۆھبەتتە ھېچقانداق ياردەم تەلەپ قىلمىدى، پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سلېىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېدى. سىپراسمۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېرىتسىيە ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيەگە بەكلا تايىنىدۇ، گىرىتسىيە 32 قسىم تەبىئىي گازنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدۇ. رۇسىيە ھازىر «تۈركىيە ئېقىمى» ناملىق تەبىئىي گاز تۇربىسى قۇرىۋارتىدۇ، تۈركىيە ئارقىلىق تەبىئىي گازنى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا يەتكۈزىدۇ، پۇتىن مۇنداق دېدى: گىرىتسىيە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، ھەمدە بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ۋە ئىش ئورنىغا ئېرىشىشى مۇمكىن، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز تۇربىسى تۈرى «تۈركىيە ئېقىمى» تۈركىيەدىن ئۆتۈپ بالقان رايونىغا ئۇلىشىدۇ، بۇندىن باشقا ئىتالىيەدىن ئۆتۈپ ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئۇلىشىشىمۇ مۇمكىن. بۇ يېڭى لىنىيە ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، گىرىتسىيە ئاساسلىق يەتكۈزۈش مەركىزى بولۇشى مۇمكىن، بۇ گىرىتسىيەنىڭ مەبلەغ جەلىپ قىلىشىغا پايدىلىق ھەمدە گىرىتسىيەدە نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىدۇ.
ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتىن باشقا، پۇتىن ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن گىرىتسىيە مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ساھە ساياھەتچىلىك، رۇسىيەلىكلەر گىرىتسىيەگە ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆتكەن يىلى 9 مىليوندىن كۆپرەك رۇسىيەلىك گىرىتسىيەگە ساياھەتكە باردى. مەدەنىيەت ساھەسىدە، ئىككى دۆلەت 2016-يىلىنى رۇسىيە بىلەن گىرىتسىيەنىڭ دۆلەت يىلى قىلىپ بېكىتتى، ئىككى دۆلەت مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىر قاتار ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مۇخبىرلار يىغىنىدا، پۇتىن رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھازىرقى جىددىي مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، بىز رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق، مەن گىرىتسىيەلىك دوستلۇرۇمغا ئۇكرائىنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردۇم، بىز مىنسكى كېلىشىمىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئالاھىيە كۆڭۈل بۆلىمىز.
بۇندىن باشقا، پۇتىن بىلەن سىپراس سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن گىرىتسىيە بۇ يىلقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز، دېدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى باياناتتا ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى ھەمدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلارنى ئەيىبلىدى.



خەتكۈچلەر:
11-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek