سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 20- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە: لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى سامىر كەنتار 19- دېكابىر كەچتە سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلدى.
سۈرىيە خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ھاۋا ھۇجۇمى يۇز بەرگەندە، كەنتار دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى جاراماننا بازىرىدىكى دىروزلار رايونىدا بولۇپ، ئۇمۇ دېرىوز مىللىتىدىن ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كەنتار سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سۇرىيەگە بارغان ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved