ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئېلىمىز يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى خام نېفىتنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ ئىقتىساد تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
تاموژنا باش مەھكىمىسى 13-ئىيۇل ئېلان قىلغان 6-ئايلىق نۇقتىلىق تاۋارلار دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ ئايدا ئېلىمىزنىڭ خام نېفىت ئىمپورت مىقدارى 29 مىليون 490 مىڭ توننىغا يەنى كۈنىگە 7 مىليون 200 مىڭ تۇڭغا يەتكەن. ئامېرىكىنىڭ 7-ئايدىكى ھەر ھەپتىلىك خام نېفىت ئىمپورت مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 7 مىليون 165 مىڭ تونغا يەتكەن. بۇ ئېلىمىزنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت سېتىۋېلىشتىكى ئالدىنقى ئورۇننى يەنە بىر قېتىم قولغا كەلتۈرۈشى.
ئېلىمىز رەھبەرلىرىنىڭ نېفىت ئىستراتېگىيە زاپىسىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا ئېلىمىز نېفىت ئىمپورت مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خام نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىمۇ، تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved