8-سېنتەبىر سائەت 11 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 4-نومۇر ب بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق 21-نومۇرلىق يىراقتىن سېزىش سۈنئى ھەمرىيىنى ھاۋا بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئى ھەمرا بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە يەنە دۆلەت مۇداپئە پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تيەنتو 2-نومۇرلىق سۈنئى ھەمرىيىمۇ بىرلىكتە قويۇپ بېرىلدى.
21-نومىرلىق يىراقتىن سېزىش سۈنئى ھەمرىيى ئاساسلىقى ئىلمىي تەجىرىبە، دۆلەت زېمىن بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى مۆلچەرلەش ۋە ئاپەتتىن مۇداپئەلىنىش ئاپەتنىڭ زېيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. تيەنتو 2-نومىرلىق سۈنئى ھەمرا ئاساسلىقى كىچىك سۈنئى ھەمرا تېخنىكا سىنىقىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 193-قېتىم ئۇچۇشى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved