يەر شارى تورى خەۋىرى : 69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇنازىرىسىدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تەنقىد تىغ ئۇچىنى رۇسىيەگە قارىتىپ ، ‹‹ رۇسىيە دۇنيا بويىچە 3-چوڭ تەھدىتچى دۆلەت ›› دېدى .
رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف يىغىندىن كېيىن دەرھال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرا شەرق تېررورىزمى ، ئېبۇلا ۋىروسى يۇقۇمى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئوخشاشلا تەھىدىت قاتارىغا كىرگۈزدى ، بۇ خىل پوزىتسىيە تولىمۇ بىر تەرەپلىمىلىكتۇر.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved