خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
خەلق تورى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى. ئۇنۋىرسال ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا 1998 -يىلى ئامېرىكىنىڭ كىنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىش دېلوسىغا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن « بازا » تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئابدۇل ئاناس رىبىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە نىيۇ يوركتىكى بىر دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. رىبىل ئىلگىر ئامېرىكا تەرىپىدىن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. 2013-يىلى لىۋىيەدە ئامېرىكا ئالاھىدە ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 1-ئاينبڭ 3-كۈنى سوتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن ھۆججىتىگە ئاساسەن رىبىل ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا ئېغىر بولغان كېسىلىنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىشى سەۋەبلىك قازا قىلغان. رىبىلنىڭ ئوغلى ئابدۇل مۇھىيىن ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋەرلەر تورىغا دادىسىنىڭ 2013-يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈچ بۇرجەك قىتئە ئالاھىدە ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان. رىبىل يامان خاراكتېرلىق جېگەر ياللۇغىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ھوشىسىز ھالەتتە ياتقان. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇ يەنە جېگەر راكىغا گىرىپتار بولغان.
رىبىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رىبىلنىڭ ئۆلۈمىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ئەيىبلىدى. مۇھىيىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن دادىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە يول قۇيۇشىنى تەلەپ قىلغاندا رەت قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
50 ياشلىق رىبىل 1998 -يىلى ئامېرىكىنىڭ كىنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىش دېلوسىغا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇ ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسى 12 نەپەر ئامېرىكىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 224 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2001-يىلى نىيۇ يورك جەنۇبى رايۇنلۇق بىرلەشمە سوتى « ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش » ، « ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەت مال مۈلكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش» ، ھەمدە « ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش » قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ( FBI ) مۇ رىبىلنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن بەش مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات تەسىس قىلغان.
2013-يىلى رىبىل ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كوچىدا قولغا ئېلىنغان. شۇ چاغدا ئۇ بومدات نامىزىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ماشىنىسىغا چىقىش ئۈچۈن مېڭىۋاتقان ئىدى. تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن رىبىل ئامېرىكىنىڭ بىر دېڭىز ئارمىۇە پاراخوتىغا قامالغان ھەمدە مەخسۇس قىممىتى يۇقىرى جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلىدىغان ئەترەتنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن نىيۇ يوركقا ئېلىپ كېلىنگەن. رىبىل نىيۇ يورك فىدراتسىيە سوتىدا ئۆزىنىڭ تىرورچى دەپ ئەيىبلەنگەن گۇناھى بارلىقىنى ئېتراپ قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ 1998-يىلىدىكى پارتلىتىش دېلوسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتىپ تۇرغان.
رىبىلنىڭ ئايالى ئۇممە ئابدۇللا ئېرى رىبىل قولغا ئېلىنغان ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن « بازا » تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلىكىنى، ئېرىنىڭ نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى ھەمدە لىۋىيە نېفىت ئورۇنلىرىدىن خىزمەت ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇممە ئابدۇللا يەنە « مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن بىر گۇناھسىز ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى، قىينىدى، ھەمدە ئۆلتۈرۈۋەتتى دەپ ئەرز قىلىمەن» دېگەن. ئۇ ئېرىنىڭ جېگەر ئوپراتسىيىسىدىن كېيىنكى ئاسارىتى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved