دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ساقلانغان 12 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان مومىيا ئىت

       12-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋىرى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بىر مومىيا ئىتنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇ سىبېرىيەنىڭ مەڭگۈلۈك مۇزلۇقىدا 12 مىڭ يىل ساقلانغان، ئالىملار ئۇنى ئاناتومىيە قىلىپ بۇ تارىختىن بۇرۇنقى ھايۋاننىڭ تېرىسى، چىشى ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نېمە يېگەنلىكى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى تەكشۈرۈپ چىققان.

      ئىككى ئاكا-ئۇكا ساخا جۇمھۇرىيىتىدە مامونت چىشىنى ئىزدەۋاتقاندا ئالىملار پەقەت ئۈچ ئايلىق دەپ قارىغان بۇ چىشى كۈچۈكنى تېپىۋالغان. بۇ ئىت ھازىرغىچە دۇنيادىكى بىردىنبىر تەبىئىي مومىيالاشقان ئىت. ئۇ ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ ئىچكى ئەزالىرى ۋە ئاشقازىنىدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ياكۇت شەرقىي شىمال فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئورنى بۇ قېتىملىق ئانوتومىيەنى قىلغان.

    مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاناتومىيە نەتىجىسى بۇ قەدىمكى ئىت تۈرىنى تەتقىق قىلىشنى «غايەت زور ياردەم» بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ قېتىملىق تەتقىقات بۇ ھايۋاننىڭ ھازىرقى زامان ئۆي ئىتىنىڭ بىر ئەجدادى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. بۇ كۈچۈك دۇنيادا پەقەت بىر، گەرچە ئۇنىڭ بەدىنىڭ ئىچىدىكى توقۇلىمىلار ئاللىقاچان مومىيالاشقان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن بەدىنىدە چىرىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

    بۇ ئىتقا تۇمات ئىتى دەپ ئىسىم قويۇلغان، رادىئوئاكتىۋ كاربون ئارقىلىق ئۆلچەشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىتنىڭ 12450 يىللىق تارىخى بار ئىكەن. ئالىملار تۆت يىل ۋاقت سەرپ قىلىپ بۇ ئىتنىڭ جەسىتىنى تەتقىق قىلىغان ۋە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. ھازىر بۇ ئىت بىر سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلانماقتا، بۇ يىل 4-ئايدا ئالىملار ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئانوتومىيەنى قىلغان، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم تەپسىلاتلارمۇ ئايان بولغان.

    بۇ ئىت ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، مۇتەخسىسىلەر ئۇنىڭ ئاشقازىنى ئاچقاندىن كېيىن ئىككى تال كىچىك دەرەخ شېغىنى بايقىغان، بۇ دەرەخ شېغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مىللىمتېر. بۇ نىڭ بىلەن مۇتەخەسىسلەر بۇ ئىتنىڭ بىر قېتىملىق تاغ كۆچكۈنىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىلگەن. مۇتەخەسىسىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ،بۇ قېتىملىق تاساددىپىيلىقتا بۇ ئىت جېنىنىڭ بارىچە تىركەشكەن، چىشى بىلەن ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تۇتىۋالماقچى بولغان.

    بۇ ئىت بايقالغان دائىرە ئەتراپىدا كىشىلەر دائىم قەدىمكى ئىنسانلارغا تەۋە بۇيۇملارنى بايقىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار ئادەملەر قالدۇرغان ئېنىق ئىزنالارنى ئىزدەشكە تىرىشماقتا، بۇ قەدىمكى ئادەملەر بۇ ئىتنىڭ ئىگىسى بولۇشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
29-04-2016
    ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن كېلىدىغان چىشنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسىنىڭ جيەنپىڭ يېزىسى گۇاپياۋ كەنتىدىكى لو ۋېنتىڭ ئىسىملىك بىر كەنت ئاھالىسى ئۆزىنىڭ ئېتىزىدىن پى...
29-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىسپانىيەلىك ئىشچىلار مەزكۇر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا يەر ئاستى توربا يولىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا قەدىمقى رىم دەۋرىدىكى 19 دانە كومزەكنى بايقىغان بولۇپ، بۇ كومزەكلەرنىڭ ئىچى...
29-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ئاپرېل، ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرى شەھەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2769 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ، يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش مەيدانىدا قەدىمكى رىمنىڭ ئېلىشىش كۆرۈنۈشىنى قايتىدىن نامايەن قىلدى. ھەتتا «...
27-04-2016
    يەتتە ئۆلكىدىكى داڭلىق مۇزېيلاردىن كەلتۈرۈلگەن 226 دانە نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى 26-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 2-قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا ئېلىپ كېلىنىپ، «ساندۇق ئېچىپ، بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇش...
26-04-2016
     1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان پىئارل خاربور پورتىغا ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قوزغىدى، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئارالدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرى زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىد...
25-04-2016
24-ئاپرېل، «خۇاڭگۇاڭجياۋ 1-نومۇر» ناملىق چۆكۈپ كەتكەن كېمە خارابىلىكىدىن سۈزۈۋېلىنغان تاش ھەيكەل قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى. شۇ كۈنى، «ۋېنخەي ___ خۇاگۇاڭجياۋ 1-نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» نەنجىڭ مۇزېيىدا باشلاندى، يۈزدىن...
25-04-2016
    مۇسسۇلىن، تولۇق ئىسمى Benito Mussolini، ئۇ 1883-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىتالىيىنىڭ فېررارا ئۆلكىسىدىن، ئىتالىيە فاشىست پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى...
25-04-2016
     خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 24-ئاپرېل، نېپالنىڭ كاتماندودا نېپال زۇڭلىسى ئولى داراخارا مۇنارى خارابىلىكىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، نېپالدا يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2015-يىلى ...
Powered by Leglek