يەر شارى خەۋەر تورى 13-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيە پايتەختى ترابلۇستا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى تاقىۋېتىلگەن ماراكەش ئەلچىخانا بىناسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن راكىتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بۇ ھۇجۇم ئەلچىخانا بىناسىنى زىيانغا ئۇچراتقان، بۇ ۋەقەنى ھازىرغا قەدەر بىرەر تەرەپ ئۈستىگە ئالمدى. ماراكەش تەرەپ، لىۋىيەدە قارشى كۈچلەر ئارىسىدىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە دۆلەتتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ترابلۇستىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاپ خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى. لىۋىيەدە يۈز بېرىۋاتقان تۇقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تاقاقلىق بولغان ئەلچىخانا ۋە دىپلوماتىيە ۋاكالەت بىنالىرى پات-پات ھۇجۇم نىشانى بولماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved