ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە 29-ئاۋغۇست ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى چېگرىدىن كىردى دەپ ئەيىبلەش ئىشىنى داۋاملىق تىلغا ئېلىپ، ئېغىز ئۇرۇشى قىلدى. ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىپ، ئۆزىنى قوغداش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بولسا قاتتىق گەپ قىلىپ، رۇسىيە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يادرو قورال چوڭ دۆلىتى، ئەڭ ياخشىسى بىزنىڭ چىشىمىزغا تەگمەڭلەر دېدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا يەتتە دۆلەت رۇسىيەگە قارىتىلغان بىر تېز ئىنكاس قىسمىنى بىرلىكتە تەشكىللىمەكچى بولدى، بۇنىڭ كۆلىمى ئاز دېگەندە ئون مىڭ ئادەمگە يېتىدۇ.
ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ئارشېن ياتسېنيۇك 29-ئاۋغۇست ھۆكۈمەت پارلامېنتتىن قانۇن ماقۇللاپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى دېدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇلاھىزە قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى جاكارلاش-ئۇكرائىنانىڭ ھازىرغىچە چىقارغان ئەڭ ھەل قىلغۇچ قارارىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، غەربنىڭ ھەربىي جەھەتتىن قوغدىشى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، لېكىن يېقىنقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىشنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ دېدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسېن شۇ كۈنى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانىڭ ھەر قانداق قارارىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دەرۋازىسى يەنىلا ئۇكرائىنا داغدام ئوچۇق دېدى.
شۇ كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى ئىگور دولخوف مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا پەقەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ياردىمى ئۈستىدىلا ئىزدىنىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، مەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 4- ۋە 5-سېنتەبىر ئەنگلىيەدە ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئەمەلىي نەتىجە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز مەسلىھەت ياردىمىگە شۇنداقلا باشقا كونكرېت نەرسىلەرگە موھتاج.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىلگىرى ھەربىي ۋاسىتە بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە ئارىلىشىش ئويىمىز يوق دەپ كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىش ئويى يوق، بۇ رايوندا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قارشىلىشىشىنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دېدى.
بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقتىكى ئەزا دۆلەتلەردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىپ، رۇسىيەدىن مۇداپىئەلەنمەكتە. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مەشىق ئىشلىرىغا مەسئۇل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ژان پائۇل پاروموروس 29-ئاۋغۇست شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھازىرقى باسقۇچتا ھەر ئىككى كۈندە بىر مەيدان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، قىسىمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىماقتا، بۇندىن كېيىنكى نەچچە يىلدا شەرقتىكى ئەزا دۆلەتلەردە بۇنداق مانېۋىرلارنى كۆپ ئۆتكۈزىدۇ دېدى.
سېنتەبىرنىڭ بېشىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 29-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا يەتتە دۆلەت رۇسىيەگە قارىتىلغان بىر تېز ئىنكاس قىسمىنى بىرلىكتە تەشكىللىمەكچى بولغان، بۇنىڭ كۆلىمى ئاز دېگەندە ئون مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن، بۇ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ قىسىمغا ئەنگلىيە باشچىلىق قىلىدىكەن، باشقا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر دانىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە، لىتۋا، نورۋېگىيە، گوللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كانادا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتىن 29-ئاۋغۇست پايتەخت موسكۋانىڭ ئەتراپىدىكى بىر ياش-ئۆسمۈرلەر يازلىق لاگىرىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە كىرىپ، ئۇكرائىنا ئەلئىچى قوراللىقلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ رۇسىيە ھەر قانداق چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا كىرىپ قالمايدۇ، بىزنىڭ بۇنداق قىلغۇمىز يوق شۇنداقلا قىلمايمىز. لېكىن بىز رۇسىيەگە بولغان ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىقنى چېكىندۈرۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك دېدى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ قوشنىلىرى شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەڭ ياخشى رۇسىيەنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك كېرەك، بىز سىلەرگە ئەسكەرتمەكچى، رۇسىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو دۆلەتلىرىنىڭ بىرى دېدى. بىراق ئۇ يەنە مېنىڭچە رۇسىيە بىلەن كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشىدىغان دۆلەت يوق دېدى.
پۇتىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ شەرقتىكى رايوندا ئەلئىچى قوراللىقلىرىغا قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ لېنىنگراد قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەھەرلىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن بىر ئورۇنغا قويدى، ئۇ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ئەلئىچى قوراللىقلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە دەۋەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved