رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش شتاب باشلىقى 30-يانۋار، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا تەدبىر قوللىنىپ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتە رۇسىيەدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە قسىقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى بىلەن ھۇجۇم خارەكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش ۋە چەكلەش توغرىسىدىكى شەرتنامىسىغا خىلاپ، بۇ رۇسىيەنى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلايدۇ.
بۇ تەدبىرلەر رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئىلغار قورال-ياراقلار بىلەن تەڭپۇڭ بولغان جابدۇقلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىمىسنى ئورنىتىشى يەرشارى خارەكتېرلىك بولۇپ، بۇ پۈتكۈل يەرشارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved