تەخمىنەن 25مىڭ ياپونىيە ئاممىسى تۈنۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىنى قورشاپ، ئابىشىنزۇ ھاكىمىيىتى ماقۇللىغان ئامانلىقنى ساقلاش قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلدى.
ياپونىيەلىك ئوبزورچى يىغىلىشتا ئابې شىنزو «ئامېرىكىغا يالاقچىلىق قىلىشتا ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر باش ۋەزىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ»، دېدى؛ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇۋەققەت ۋەكىلى ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامانلىق ساقلاش قانۇن لايىھەسى» ئاساسى قانۇنغا ئۇيغۇن دەپ ئۆزىنى ئاقلىشى دەلىل ئىسپاتسىز دەپ تەنقىدلىدى؛ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى تېخى دۆلەت ئىچىدە قاراپ چىقىلمىغان ئەھۋالدا، ئابې شىنزونىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئامېرىكىغا « قانۇن لايىھەسى بۇ يىل يازدا ماقۇللىنىدۇ » دەپ ۋەدە بېرىشى پارلامېنتنى، خەلقنى كۆزگە ئىلمىغانلىق.
ياپونىيەلىك مۇخبىر مۇنداق دېدى: ئەگەر ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى بىرلىكتە دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇرۇشقا قاتناشسا، ياپونىيە ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ، ياپونىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارغانسېرى زورىيىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved