سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەم چى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېرېك سېئال شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ياۋروپادىكى ھەربىي ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش پىلانىنىڭ مىلدېنخال ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن سىرت، يەنە 15 ئورۇندىكى ھەربىي بازىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە بىرەسمىي ھەربىي خادىملارغا چېتىلىدىغانلىقى، بۇ پىلاندا ھەر يىلى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي چىقىم تېجەپ قېلىنىدىغانلىقى، پىلاننىڭ بىرنەچچە يىل ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پىلانغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەنگلىيەدىكى 2000 خادىمىنى قىسقارتىدۇ. پورتۇگالىيەدىكى لاژېس ھەربىي بازىسىدىن 500 ئەسكەرنى چېكىندۈرىدۇ. ئەنگلىيە ۋە پورتۇگالىيەدىن چېكىنگەن قىسمەن ئەسكەرلەر گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى لاركىن خېئەس (Larkin Heath) ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، تۇنجى تۈركۈمدىكى F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ 2020-يىلى ئەنگلىيەگە يېتىپ بېرىپ، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
باشقا خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرى تەخمىنەن 67 مىڭغا يېتىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved