يەر شارى خەۋەر تورى 8-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆكتىچلەرنىڭ ئىلگىرلىشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، جەنۇبتىكى دەرئا، قەلەمۇن ۋە كۇنەيترا رايۇنلىرىدا ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ISIS ئارىسىدا توقۇنۇش زورايماقتا. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيسىگە ياردەم بېرىۋاتقان لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى جەنۇبتىكى دەرئا رايۇنىدا ئۆكتىچىلەرگە قارشى زور ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى. سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قەلەمۇن ۋە كۇنەيترا رايۇنىدا لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئەسەد ھۆكۈمەت ئارمىيسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر بىرلا ۋاقىتتا ISIS «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى قۇراللىقلىرى بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ISIS قۇراللىقلىرىنىڭ 29-ئاپرېلدا ئۆكتىچى ئەسكەرلەر ئولتۇرغان بىر ھەربىي ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن زورايغان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن كىشى ئۆلدى. ئۆكتچىىلەر 7-مايدا ISIS قۇراللىقلىرىنىڭ مەركىزى دەپ ھىسابلىنىدىغان قەھتانىييە، ئەدنانىييە، راۋادى ۋە رەسمۇششاۋلىنى تامامەن كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سۇرىيەنىڭ جەنۇبى قىسمىدا ئەسەد ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بىرگە يەنە ISIS قۇراللىقلىرى بىلەنمۇ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
سۇرىيەنىڭ ھۇمۇس رايۇنى 2 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئارمىيسنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ 2014-يىلى 2-مايدا ھۆكۈمەت ئارمىيسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان، ھۇمۇستىكى بىر قىسىم ھەربىي نوقتىلار ۋە ئەد-دىك، مەداجىن ۋە بەيتۇل كارمىد رايۇنى يېقىندا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved