جاھان ئاگېنتلىقى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى باياناتچىسى گېنىرال ئەھمەد ئەسىرى، «قىزىل سىزىقىمىز بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ھۇسىيلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېدى. ئەسىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئېلان قىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، ھۇسىيلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگرىسىدكى نەجران ۋە جازان رايۇنىغا راكىتا ھۇجۇمى قوزغاپ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتىپ، «بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ھۇسىيلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلەيدۇ» دېدى.
ئەسىرى، بۇ باسقۇچتا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھۇسىيلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قاتتىق شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگرىسىدىكى نەجران رايۇنىغا يەمەن تەرەپتىن ئېتىلغان ئىككى راكىتا ئوقى 1 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. 12 كىشى يارىلانغان.
يەمەندىكى ھۇسىي توپىلاڭچىلىرىنىڭ كېڭىيىشنى توختىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى 26-مارتتا «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتى نامىدا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، يەمەندىكى مەنسۇر ھادى ھۆكۈمىتى ھۇسيلەرگە قارشى جىددى مۇداخىلە قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەرىكەت باشلانغان ئىدى، بىرلەشمە ئارمىيە بۇ ھەرىكەتنىڭ 21-ئاپرېلدا ئاياغلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved