9-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تاراتقۇلارنى تەربىيەلەش سىنىپى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات تەشۋىقاتى ۋە ۋاسىتىلەر خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش، ۋاسىتىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ۋاسىتىلەرنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ توغرا،تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكۈزۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئاخبارات تەشۋىقاتى ۋە ۋاسىتىلەر خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئورنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 9-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تاراتقۇلارنى تەربىيەلەش سىنىپى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خەۋەر قىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ خىزمەت قىلىشى، ئاخبارات مۇلازىمەت يۆنىلىشى ۋە رولى، ئاساسىي مۇسابىقە سارىيى ۋە ھەر قايسى مۇسابىقە سارايلىرىدىكى ۋاسىتىلەر خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە رايونى، ۋاسىتىلەر خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەربىيەلەش سىنىپىدا، خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى دوڭ جىنجوڭ ۋاسىتىلەر خىزمىتى ئوقۇمىدىن بىز مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ تەشۋىقات ئالاھىدىلىكى، ۋاسىتىلەرنىڭ ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى، ۋاسىتىلەرنىڭ خىزمەت مەزمۇنى، ۋاسىتىلەر خىزمەت ئۆمىكى، ۋاسىتىلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەلىپى قاتارلىق تەرەپلەردىن« مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋاسىتىلەر خىزمىتى» تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. تەربىيەلەش سىنىپىدا،
خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى دوڭ جىنجوڭ لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved