ئامېرىكا جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى چارلىستون شەھىرىدىكى ئاق تەنلىك قاتىلنىڭ قارا تەنلىكلەر چېركاۋىنى قانغا بوياش پاجىئەلىك دېلوسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دېلو دەسلەپكى قەدەمدە «ئۆچمەنلىك دېلوسى» دەپ بېكىتىلدى، ھالبۇكى، ئامېرىكا ئاممىسى، بولۇپمۇ قارا تەنلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلار بۇ دېلونى «تېررورلۇق ھۇجۇمى»غا تەۋە دەپ ئومۇميۈزلۈك ھېسابلىدى. «ئۆچمەنلىك دېلوسى» دەپ بېكىتىش-ئامېرىكىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
شۇ جاي ۋاقتى 17-ئىيۇن كەچتە، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ لېكسىڭتون بازىرىدىن كەلگەن 21 ياشلىق ئاق تەنلىك ئەر داررېن رۇدولف چارلىستون شەھەر رايونىدىكى ئېممانۇئېل ئافرىقلىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلار ۋىرىسون ئۇيۇشمىسى چېركاۋىغا ئارقا-ئارقىدىن ئوق ئېتىپ، ئالتە قارا تەنلىك ئايال ۋە ئۈچ قارا تەنلىك ئەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قاتىل ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتقاندا، روشەن ئىرقىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان ئېغىر گەپلەرنى قىلغان.
شۇ جايدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىككىلىسىدە مەلۇم ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسىي غەرەز ئاساسىدا، ئالاھىدە ئاممىغا ھۇجۇم قىلىپ ساراسىمە پەيدا قىلىش مەقسىتىگە يېتىش مەقسەت قىلىنىدىكەن. ئىككىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۆچمەنلىك جىنايىتى ئادەتتە ئەنئەنىۋى جىنايى قىلمىش دەپ بېكىتىلىدۇ ھەم مەلۇم بىر توپقا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش دېگەن جىنايەت قوشۇلۇپ، ئىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىنماستىن، ئۆزلۈكىدىن سادىر قىلىنغان ھەرىكەت دەپ قارىلىدۇ، ئەمما تېررورلۇق ھۇجۇمى بولسا ئىشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھۇجۇم قىلمىشى دەپ بېكىتىلىدۇ.
بۇ دېلودا، رۇدولفنىڭ ياتاقدىشى يەرلىك تاراتقۇلارغا، رۇدولفنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئىدىيەسىنىڭ پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قېلىپ، بىر مەيدان ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى قوزغايمەن دەپ جار سالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. رۇدولف ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ نومۇرىغا بىر پارچە سۈرەت يوللىغان، سۈرەتتە ئۇ ئۇچىسىغا روشەن ئىرقىي كەمسىتىش بەلگىسى بار چاپان كىيىۋالغان. جامائەتچىلىك تۈرلۈك ئالامەتلەر بۇ دېلونىڭ ئالدىن پىلانلىنىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى دەپ ئومۇميۈزلۈك ھېسابلىدى.
ئامېرىكا تارىخىدا، بۇ ئاق تەنلىك ھەممىدىن ئەلاچىلىرى سادىر قىلغان دېلولار ئاخىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتىلمىگەن، مەسىلەن: ۋىسكونسىن ئىشتاتى شېك دىنى ئىبادەتخانىسىدىكى پاجىئەلىك دېلو دېگەندەك. 2012-يىلى 8-ئايدا، بىر ئاق تەنلىك ھەممىدىن ئەلاچىسى ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى بىر شېك دىنى ئىبادەتخانىسىنى قانغا بوياپ، ئالتە ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەم ئۈچ ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.
بۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنى شۇكى، 2013-يىلىدىكى بوستون مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى پارتلىتىش دېلوسى ھەم ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن تېكساس ئىشتاتىدىكى ئوققا تۇتۇش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى مۇسۇلمانلار، قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى دەرھال بۇ دېلونى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتتى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى يەرلىك تاراتقۇلارغا ئەگەر زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئاق تەنلىك ھەممىدىن ئەلاچىلىرى ياكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى قوللىغۇچىلارنىڭ قىلمىشى بولسا، بەزىلەر تۈرلۈك باھانىلەرنى تېپىپ بۇ گۇناھلاردىن ساقىت قىلماقچى بولىدۇ، ئۇلاردا روھىي كېسەلنىڭ بار-يوقلىقى، جەمئىيەتنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن پارتلىتىش قىلمىشى سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ دېدى.
ئاقىللار ئامبىرى بولغان «ساقچى باشقۇرۇش تەتقىقات مۇنبىرى»نىڭ 2014-يىللىق بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 1990-يىلىدىن تارتىپ، ئامېرىكا ئاق تەنلىك ئوڭقانات ئەسەبىي كۈچلىرى ئامېرىكا زېمىنىدا ئاز سانلىقلار ئاممىسىغا قوزغىغان ھۇجۇمنىڭ سانى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار قوزغىغان ھۇجۇم سانىدىن بەكلا ئېشىپ كەتكەن. بۇ دوكلاتتا ساقچىلارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى ناتسىستلار، ئاق تەنلىك ھەممىدىن ئەلاچىلىرى-ساقچىلار دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر تەھدىت بولماقتا دېيىلدى.
قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى 18-ئىيۇن چۈشتىن كېيىنگە كەلگەندىلا، ئاندىن ھەر قايسى تەرەپلەردىن چېركاۋدىكى بۇ پاجىئەلىك دېلونى تەكشۈرىدىغانلىقى، بۇنىڭ بۇ قېتىمقى دېلونىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى يەنە بىر جاكارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved