سىنا تورى خەۋرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: جۇڭشىن تورى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلىگىراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراف خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتى ئارمىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ھەربىي ئىشلار قوشۇنى 2-ماي غەربىي قىسىمىدىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئۇچراپ كەم دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.پايتەخت ئىراقتا ئوخشاش بىر كۈندە زەنجىرسىمان تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 14 ئاددىي پۇقرا قازا قىلغان.
ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رادىكال تەشكىلات « ئىسلام دۆلىتى» كونترول قىلۋالغان مۇھىم بازار فىلۇجىي تاشيولىدىكى Garma ۋوگزالدا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىغان.«ئىسلام دۆلىتى» بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل بولۇشىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
ساقچىلارنىڭ دېيىشچە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 12 دىن يوقىرى.ئۇلار شىغىللارنىڭ ئارىسىدىن قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدىمەكتە.ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ياردەمچى ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن شىددەتلىك جەڭنى داۋاملاشتۇرغان.باغدادتا، 2-ماي كەچتە بىر تاماقخانا بىلەن ماي پونكىتى ئەتراپىدا ئىككى قېتىم ماشىنىدا بومبا پارتلاش ۋەقەسى تۈز بېرىپ، 14 ئاددىي پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved