چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 28- يانۋار ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتى بىئومېنت بازىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مەكتەپتىكى 179 نەپەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىئومېنت ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كاربون چالا ئوكسىد بىلەن ئۇچراشقان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مەكتەپنىڭ ئاساسى ئوقۇتۇش بىناسىدا كاربون چالا ئوكسىد مىقدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققان.
مەزكۇر ئەمەلدارنى ئېيتىشىچە، جەمئىي 179 كىشى دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 69 كىشى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved