تور سودىسىنى تەرتىپكە سېلىش ئاۋامنىڭ ئارزۇسى

مۇبارەك ئىسمائىل
ھازىر تور سودىسى كۈندىن – كۈنگە قىزىۋاتىدۇ. مەھسۇلاتلارنى ئىستېمالچىلارغا كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ ئوبرازى ۋە ماركىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشتە تورنىڭ رولى زورىيىۋاتىدۇ. توغرا سودا نىشانىنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغان سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىدا ئاكتىپ يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىسا، ھارام پايدىنى قوغلاشقان سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىنمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا تور سودىسىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىستېمالچىلارنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلە.
‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا ئىستېمالچىلار توردىن سېتىۋالغان مالنى بىر ھەپتە ئىچىدە قايتۇرۇۋېتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، ئەمما بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلغىنىغا بىر يىل بولغان بولسىمۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ مالنى قايتۇرالماسلىق توغرىسىدىكى ئەرز – شىكايەتلىرى توختىمىدى.
دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى جازالاش چارىسى››دە، مال قايتۇرۇشنى قەستەن رەت قىلغان ياكى كېچىكتۈرگەن تىجارەتچىلەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.
‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نىڭ 25 – ماددىسىدا، ئىستېمالچىلار زاكاز قىلغان، پېچىتى بۇزۇلمىغان، ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان، توردىن چۈشۈرگەن ياكى ئىستېمالچىلار پېچەتلىگەن ئۈن – سىن مەھسۇلاتلىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىق سېپىرلىق مەھسۇلاتلار؛ ھەقلىق گېزىت، نەشر ئەپكارلىرى قايتۇرۇۋېتىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ تۆت تۈرلۈك مەھسۇلاتتىن باشقا، مەھسۇلاتنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئالارمەن بىلەن ساتارمەن ئىككى تەرەپ ئېلىم – سېتىم قىلغان ۋاقىتتا ئاسان قايتۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ مۇقىملاشتۇرغان مەھسۇلاتلارمۇ قايتۇرۇۋېتىش دائىرىسىگە كىرمەيدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹12315›› ئىستېمالچىلار ئەرز – شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىش، پاش قىلىش، مەسلىھەت بېرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياشار ھاجى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلار توردىن مال سېتىۋالغاندا، تىجارەتچىلەر بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسىنى سۈرەتكە تارتىپ ساقلىۋېلىشى كېرەك، مال قايتۇرۇش جەريانىدا قانۇنسىز رەت قىلىشقا ئۇچرىسا، قولىدىكى ئاشۇ ‹‹ئىسپات››قا تايىنىپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. يېڭىدىن جانلىنىۋاتقان ئۈندىدار سودىسىغا كەلسەك، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پات ئارىدا ئۈندىدار سودىسىغا دائىر يېڭى بەلگىلىمە روياپقا چىقىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ ئۈندىداردا مال سېتىۋالغاندا، ئىشەنچلىك ئۈندىدار ئىگىلىرىدىن مال سېتىۋېلىشىنى، ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، بىھۇدە زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەدئىمىن فېردەۋىس مۇنداق دېدى: تور سودىسىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرىمىز، قېلىپلاشتۇرىمىز، تۈزۈملەشتۈرىمىز. قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاز ساندىكى كىشىلەردۇر، ئاۋام خىزمىتىمىزگە ماسلاشسىلا، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق قانات يايىدۇ.



خەتكۈچلەر:
15-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek